ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئانارنىڭ شىپالىق رولى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-20 15:28

ئانارنىڭ تەبىئىتى ۋە تەمى:
ئانارنىڭ تەمى تاتلىق، چۈچۈمەل، تەبىئىتى مۆتىدىل.
ئۆپكە، ئاشقازان، چوڭ ئۈچەيگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئۈنۈمى:
ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:
ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 گىرام، يېڭى ئانارنى 50 ~ 100 گىرام يېسە بولىدۇ.
ئانارنى بىۋاستە يېيىش، شەربەت ياساش ياكى قاينىتىپ ئىچىش كېرەك.
ئىستېمال قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
كۆپ يېمەسلىك كېرەك، كۆپ يېگەندە ئۆپكىنى، چىشنى ئاسان زەخىملەندۈرىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى:
ئانارنىڭ تەركىبىدە قەنت، ئاز مىقداردا ئاقسىل، ماي، ۋىتامىن C، كالتسىي، فوسفور، كالىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار، بۇنىڭ ئىچىدە تاتلىق ئانارنىڭ تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بىر قەدەر يۇقىرى، ئاچچىق ئانارنىڭ تەركىبىدە ئورگانىك كىسلاتا بىر قەدەر كۆپ.

ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى:
ئانار پوستىنىڭ باكتېرىيەنى تىزگىنلەش، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش رولى بار. ھۆللۈكتىن بولغان يۇتقۇنچاق قۇرغاقلىشىپ ئۇسسىغانلارغا ماس كېلىدۇ؛ قاينىتىپ ئىچىشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇزاق ئىچ سۈرۈش ۋە تولغاقنى داۋالاشتا بەلگىلىك قوشۇمچە رولى بار.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئانارنىڭ شىپالىق رولى

ئانارنىڭ تەمى تاتلىق، چۈچۈمەل، تەبىئىتى مۆتىدىل. ئۆپكە، ئاشقازان، چوڭ ئۈچەيگە مەنپەئەت قىلىدۇ.