ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھامىلىدارلار قانداق يېمەكلىكلەرنى يېسە ھەم ئىشتىھانى باسقىلى ھەم قان تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-16 09:22

ھامىلدار ئانا قانداق يېمەكلىكلەرنى يېسە ھەم ئىشتىھانى باسقىلى ھەم قان تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟



ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن، مەيلى ئانا بولغۇچىدا قان ئازلىق مەسىلىسى مەۋجۇت بولسۇن ياكى بولمىسۇن، دوختۇر تۆمۈر ماددىسى بار دورىلارنى يېيىشكە بۇيرۇيدۇ، بۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىچسە بىخەتەر بولغان تۆمۈر ماددىسى بولۇپ، تۆۋەندە يەنە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىمىز:

1. قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىك

بۇنىڭ ئىچىدە گازىر بىلەن كۈنجۈت ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئىككى خىل يېمەكلىك تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولۇپ، ئۇنى ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئېستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

2. كېپەك ئارپا (麸麦片)

ئەتىگەنلىك تاماقتا دانلىق زىرائەتلەرنى كۆپ يېسە تۆمۈر تولۇقلايدۇ. ناشتىلىقتا ئارپا يېگەندە ھەر قېتىمدا 18 مىللىگىرام تۆمۈر تولۇقلىغىلى بولىدۇ. لېكىن، يېمەكلىكلەردىكى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى ئاران %10تىن %15كىچە بولىدۇ. ناشتىلىقتا بىر ئىستاكان ئارپا ئاپېلسىن شەربىتى ئىچسە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرلۈش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ، بۇ ناشتىلىقتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

3. تۇخۇم سېرىقى

گەرچە تۇخۇم تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى ئەڭ يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن تۇخۇم سېرىقى تۆمۈرنى تولۇقلايدۇ. ئەتىگەنلىك تاماقتا پالەك تۇخۇم تۈرمىلى يەپ، مول بولغان تۆمۈر ئېلېمېنتىنى تولۇقلاش كېرەك.

4. پالەك

پالەك تۆمۈر ئېلېمېنتى ئەڭ يۇقىرى بولغان كۆكتات.

5. قوي، كالا گۆشى

6. كۆك بۆلجۈرگەن

سۈتلۈك سۇلۇغا ئازراق كۆك بۆلجۈرگەن قوشۇپ يەڭ. كۆك بۆلجۈرگەن تەركىبىدە مول تۆمۈر ئېلېمېنتى بار.



7. قۇرۇق ئۈزۈم

قۇرۇق ئۈزۈم، شاپتۇل قېقى، ئۆرۈك قېقى، قارىئۆرۈك قېقى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە مول تۆمۈر ئېلېمېنتى بار.

8. بەرەڭگە

بەرەڭگە تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە كالىي مول بولۇپ، ماي ۋە خولېستېرىن تەركىبى يوق. تۆمۈر ئېلېمېنتىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھامىلىدارلار قانداق يېمەكلىكلەرنى يېسە ھەم ئىشتىھانى باسقىلى ھەم قان تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟

ھامىلدار ئانا قانداق يېمەكلىكلەرنى يېسە ھەم ئىشتىھانى باسقىلى ھەم قان تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟