ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېسىم ئارتىپ كەتكەندە چاچقا تېز ئاق كىرەمدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-12-22 16:13

ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندا ياكى ئېغىر بېسىم ئاستىدا بىر كېچىدە «ئاق باش» بولۇپ قالامدۇق؟

شۇنداق، زىيادا بېسىم ھەقىقەتەن ئاق چاچنى كۆپەيتىۋېتىشى مۇمكىن.

«بىر كېچىدە چاچ ئاقىرىپ كېتىش» ئەلۋەتتە مۇبالىغە قىلىنغان قاراش، لېكىن رېئال تۇرمۇشتا بېسىم تۈپەيلىدىن چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مىساللار كۆپ ئۇچرايدۇ.

گەرچە ھازىرقى تەتقىقاتلار تېخى توغرا بولمىسىمۇ، ئەمما ھايۋانلار تەجرىبىسىدە مۇنداق بىر قىياس ئىسپاتلاندى:

بېسىم سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى (交感神经系统)نى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، نورئادرېنالىن (去肾上腺素)نى پەيدا قىلىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى يۈرەك سوقۇشىڭىزنى تېزلىتىپلا قالماي، غەزەپلەنگەندە قان بېسىمىڭىزنى تېز ئۆرلىتىپ، تەدرىجىي جۇغلىنىپ قېلىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىلىپ-بىلمەي چاچ تۈك خالتىسىدىكى قارا پىگمېنت غول ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى تېزلىتىپ، ئۇنى مۇددەتتىن بۇرۇن خورىتىپ تۈگىتىدۇ.

كېيىن چاچ ئۆسۈپ چىققاندا، ئارتۇقچە زاپىسى بولمىغاچقا، قارا پىگمېنت ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرىگە بۆلۈنۈپ، چاچنى ئاقارتىۋېتىدۇ.

گەرچە يۇقىرىقى مېخانىزملارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا توغرا كەلسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە تۇرغاندا زىيىنى كۆپ بولىدۇ، بېسىمنى مۇۋاپىق چىقىرىپ تاشلاپ، كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېسىم ئارتىپ كەتكەندە چاچقا تېز ئاق كىرەمدۇ؟

ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندا ياكى ئېغىر بېسىم ئاستىدا بىر كېچىدە «ئاق باش» بولۇپ قالامدۇق؟