ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمە ئۈچۈن يۈرەككە تىرەك قويۇپ بولغاندىن كېيىن يۈرەك سانجىپ ئاغرىيدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-10-19 14:19

ھازىر كىشىلەر ساغلاملىققا بارغانسېرى ئەھمىيەت بەرمەكتە، بەزىلەر ھەر يىلى دوختۇرخانىغا بېرىپ پۈتۈن بەدەن تەكشۈرتىدۇ، لېكىن بەزىلەر يۈرەككە تىرەك سالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يۈرەك سانجىپ ئاغرىغاندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن، بۇنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ، بۈگۈن كۆپچىلىككە نېمە ئۈچۈن يۈرەككە تىرەك قويدۇرۇپ بلغاندىن كېيىن يۈرەك سانجىپ ئاغرىيدۇ؟ قانداق قىلىش كېرەك؟ دېگەنلەر توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىمىز.


يۈرەككە تىرەك سالغاندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن يۈرەك سانجىقى پەيدا بولىدۇ؟

يۈرەككە تىرەك سالدۇرۇش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن بىماردا قايتا-قايتا قوزغىلىدىغان يۈرەك سانجىقى كۆرۈلىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، بىمارنىڭ باشقا يۈرەك قان تومۇرلىرىدىمۇ كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇشى ياكى تىرەك ئىچىدە قان نوكچىسى شەكىللىنىپ جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى شەكىللىنىشى مۇمكىن، تۇراقسىز تىپلىق يۈرەك سانجىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن بىمارلار يەنىلا مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى ئىچىش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، چېڭ كاڭلىن دوختۇرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بىمارنىڭ مۇناسىۋەتلىك دورىلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا، باشقا قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنداق ئەھۋالدا كۆپ تىرەك قويۇش ئارقىلىق ئارىلىشىش ۋە داۋالاشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن، لېكىن كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىش كېرەك ئىكەن.



يۈرەككە تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىنكى يۈرەك سانجىقىنى قانداق قىلىش كېرەك؟

يۈرەك سانجىقى ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن، بىماردا يۈرەك سانجىقى پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى قانۇنىيەتلىك ئىچىش كېرەك. چۈنكى بۇ يۈرەككە تىرەك قويۇش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن بىمارنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىدىن، يۈرەك سانجىقى ئالامىتى كۆرۈلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. نۇرغۇن بىمارلاردا يۈرەك تىقىلمىسى ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن كۆكرەك سىقىلىش، نەپەس سىقىلىش، يۈرەك ئالدى رايونى ئاغرىشتەك كىلىنىكىلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە تاجىسىمان ئارتېرىيەنى كېڭەيتىدىغان بەزى دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئادەتتە يۈرەك تىقىلمىسى ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن قەرەللىك ھالدا مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى بىر يىلدىن بىر يېرىم يىلغىچە ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ. ئاندىن ئادەتتە دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى داۋاملىق ئېغىرلاشسا، باشقا قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.



تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك سانجىقىنى قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟

ئەگەر بىماردا تۇيۇقسىز يۈرەك سانجىقى كۆرۈلسە، بىمارنىڭ قولىدا ئاسپىرىن ياكى نىتروگلىتسېرىن بولسا دەرھال ئىچسە بولىدۇ. نىتروگلىتسېرىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تىل ئاستىغا قويسا، بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تېز پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئەگەر بىمارنىڭ يۈرەك سانجىقى بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا، 20 مىنۇتتىن يۇقىرى بولسا بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى يۈرەك سانجىقى 20 مىنۇتتىن ئاشقاندا داۋاملىق پەسەيمىسە، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شۇ جايدىكى يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە بېرىپ داۋالىنىش، دەرھال مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بېرىپ، يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

يۈرەك سانجىقى يۈرەكتە چوقۇم بەزى مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ئاندىن داۋالاش كېرەك، ئەگەر كەينىگە سۈرۈلسە ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېمە ئۈچۈن يۈرەككە تىرەك قويۇپ بولغاندىن كېيىن يۈرەك سانجىپ ئاغرىيدۇ؟

يۈرەك سانجىقى ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن، بىماردا يۈرەك سانجىقى پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى قانۇنىيەتلىك ئىچىش كېرەك.