ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۈز پەسلىدە كۆپ يۈز بېرىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى قايسىلار؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-10-19 16:47

تېرە سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا تاقابىل تۇرىدىغان بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى، كۈز پەسلىدە ھاۋا بىر قەدەر قۇرغاق بولۇپ، ئاسانلا تېرە قۇرغاقلىشىش، تېرە تاشلاش ۋە قىچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆپ خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، زىيادە سەزگۈرلۈك تېرە ياللۇغى، ھۆل تەمرەتكە ۋە دانىخورەك قاتارلىقلار، كۈز پەسلىدە كۆپ يۈز بېرىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي چۈشىنىپ باقايلى.



كۈز پەسلىدە كۆپ يۈز بېرىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى قايسىلار؟

1. ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى

ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنىڭ ئالاھىدىلىكى تېرىدە قىزىل داغ پەيدا بولۇش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، شۇنداقلا قىچىشىش ۋە ئاغرىش، ھەتتا سۇلۇق قاپارتما ۋە قاپارتما پەيدا بولۇش قاتارلىقلار. بىر خىل ئالاھىدە ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى بار بولۇپ، ئۇ ھۆسن تۈزەش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ، ئىسمىدىن مەلۇمكى، ئۇ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ياكى گىرىم بۇيۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيادە سەزگۈرلۈك، شۇڭا كۈز پەسلىدە ئامال بار فۇنكىىسىيەلىك تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، مەسىلەن، ئاقارتىش، دانىخورەك يوقىتىش، قورۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلار.

2. زىيادە سەزگۈرلۈك تېرە ياللۇغى

زىيادە سەزگۈرلۈك تېرە ياللۇغى سەزگۈرلۈك مەنبەسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان تېرە مەسىلىسى، شۇنداقلا ھاۋا بەك قۇرغاق بولۇپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇشى مۇمكىن، ئاساسلىقى تېرىدە قىزىل داغ پەيدا بولۇش، قىچىشىش ۋە تېرە سويۇلۇش، ئىششىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.



3. ئۇرتىكارىيە كېسىلى

ئۇرتىكارىيە ئاساسلىقى تېرىدە تېز پەيدا بولۇپ، تېز يۇقايدۇ، چوڭلىقى تىرناق ياكى تەڭگە چوڭلۇقىدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېرە قاتتىق قىچىشىدۇ ياكى روشەن كۆيۈش سېزىمى بولۇپ، قايتا-قايتا قوزغىلىدۇ.

4. ھۆل تەمرەتكە

ھۆل تەمرەتكىنىڭ مەنبەسى تېرە قۇرغاقلىشىش بولۇپ، ئاساسلىق ئىپادىسى يەرلىك ئورۇندا قىزىل داغ پەيدا بولۇش، بەك كۆپ ئەسۋە چىقىش، قاتتىق قىچىشىش قاتارلىقلار، كېسەل تەگكەن جاينىڭ تېرىسى نەم ھەم قېلىن، سىرتقى يۈزى بىر قەدەر يىرىك، قارامتۇل قىزىل مۇخلىشىش ياكى يىرىڭلىق قاپارتما ياكى قاقاچ پەيدا بولىدۇ.

5. دانىخورەك

كۈز پەسلى تېرىدە دانىخورەك كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، بۇنداق كىشىلەر يۈز قىسمىنى تازىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى، سۇ تولۇقلاش، نەملىك ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، يۈز تېرىسىنى پات-پات پاكىز تازلىشى، تەر تۆشۈكچىلىرىدە توسۇلۇپ قالغان كىرلەرنى ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلاپ، يۈز قىسمىنىڭ پاكىزلىقى ۋە تازىلىقىنى ساقلىشى كېرەك.

جۇڭيى تېبابىتى ئارقىلىق تېرە كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

جۇڭيى تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تېرە كېسەللىكلىرى مۇسبەت، مەنپىيلىك قاننىڭ كۆپىيىشى ياكى ئاجىزلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، يەنى مۇسبەت-مەنپىيلىك ۋە قاننىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى. بۇنىڭ سەۋەبى ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى، ئىچكى سەۋەب بولۇپ، كەيپىيات ناچار بولۇش، زىيادە چارچاش ياكى راھەت-پاراغەتكە بېرىلىش، يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى تاشقى ئامىل بولۇپ، شامال، سوغۇق، نەملىك ۋە قۇرغاقلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.



سەمىمىي ئەسكەرتىش

جۇڭيى تىبابىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭيى تىبابىتىنىڭ تەييار دورىلىرى ياكى رېتسېپلىرىنى ئىچىش ئارقىلىق تېرە كېسەللىكىنى داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ، يىڭنە سانجىپ داغلاش، لوڭقا قويۇش، ھۆللۈكنى يوقىتىش ۋە سىرتقى يۇيۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانسىمۇ بولىدۇ. كۈز پەسلىدە تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، يۇيۇنغان ياكى يۈز يۇيغاندىن كېيىن ۋاقتىدا نەملىك ساقلاش مەلھىمى سۈرۈش، بىر ھەپتىدە 2~3 قېتىم سۇ تولۇقلاش يۈز چاپلىقى ئىشلىتىش كېرەك. كۆپرەك سۇ ئىچىپ، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى نۇقتىلىق يېيىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۈز پەسلىدە كۆپ يۈز بېرىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى قايسىلار؟

تېرە سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا تاقابىل تۇرىدىغان بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى، كۈز پەسلىدە ھاۋا بىر قەدەر قۇرغاق بولۇپ، ئاسانلا تېرە قۇرغاقلىشىش، تېرە تاشلاش ۋە قىچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ،