ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۈلدۈرمامىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندە نېمە ئۈچۈن زىققا قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-22 10:55

  گۈلدۈرمامىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندە زىققا قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەب گۈلدۈرماما ۋە چاقماق ئۇلارغا رېئاكسىيە قىلىدۇ. كۈزدە گۈل چېڭى دانچىلىرى كىچىك ھەم يېنىك بولۇپ، شامالغا ئەگىشىپ نەچچە يۈز كىلومېتىر ئۇچالايدۇ، ھەتتا نەچچە ئون مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە پەرۋاز قىلالايدۇ. گۈل چېڭى ھاۋا ئېقىمىغا ئەگىشىپ بۇلۇت قاتلىمىنىڭ ئاستىغا ئۆرلەپ، بۇلۇت قاتلىمىدىكى نەملىك ۋە ئېلېكتىروستاتىك گۈل چېڭى دانچىلىرىنى يېرىۋېتىدۇ! مانا بۇ كۈز پەسلىدىكى بوران-چاپقۇنلۇق ھاۋا رايىنىڭ گۈلدۈرمامىلىق رېئاكسىيە پەيدا قىلىشىنىڭ سەۋەبى. بىر تال گۈل چېڭى يېرىلىپ كەتسە 700 دانە ئىككىلەمچى گۈل چېڭى دانچىسى قويۇپ بېرىلىدۇ. كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تۆۋەنلىگەندە، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يېنىك بولغان ئىككىلەمچى گۈل چېڭى دانچىلىرى قايتىدىن يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ نەپەس يولىغا كىرىدۇ. ئىككىلەمچى گۈل چېڭى دانىچىلىرىنىڭ ئاللېرگىيەلىك خۇسۇسىيىتى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئادەم بەدىنىدە يول يۈرۈشى تېخىمۇ ئەركىن بولغاچقا كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىمارغا ئەتىياز پەسلىدە گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىپ زىققا كېسىلى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى تەخمىنەن %5 بولىدىكەن. ياز ۋە كۈز پەسلىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، %50 بىماردا زىققا كېسىلى پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى

  سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گۈلدۈرمامىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندە نېمە ئۈچۈن زىققا قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرىدۇ؟

گۈلدۈرمامىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندە زىققا قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەب گۈلدۈرماما ۋە چاقماق ئۇلارغا رېئاكسىيە قىلىدۇ. كۈزدە گۈل چېڭى دانچىلىرى كىچىك ھەم يېنىك بولۇپ،