ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلىنىڭ ياشلىشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-23 10:18

تونۇشتۇرۇشىچە، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلى بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئاساسىدا، سىرتقى كۈچ قاتارلىق ئامىللارنىڭ تالا ھالقىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى سەۋەبلىك، يىلىك يادروسى يېرىلىش ئېغىزىدىن چىقىپ قوشنا نېرۋىلارنى بېسىۋېلىشىدىن پەيدا بولىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بەل ـ پۇتتا ئاغرىش، ئۇيۇشۇش، چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. 
ئىگىلىنىشىچە، تۇغما يېتىلىش نورمالسىزلىقى ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەن. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناتۇغما كېسەل پەيدا قىلىش ھادىسىسىلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە توغرا كېلىدىكەن. 
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە نۇرغۇن ياش ـ ئۆسمۈرلەر دائىم ئۇزۇن ئولتۇرىدۇ، بىر قىسىم بالىلار دۈم يېتىپ چۈشلۈك ئارام ئالىدۇ، بەزى بالىلارنىڭ ھەر كۈنى ئېسىۋالىدىغان سومكىسى بەك ئېغىر، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، بەل ئومۇرتقىسىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئىشلىتىدىغان پارتا ئورۇندۇقى بىلەن بوي ئېگىزلىكى ماس كەلمەيدۇ، ھازىرقى بالىلار ئومۇميۈزلۈك ئېگىز ھەم تېز ئۆسىدۇ. بۇنداق بالىلار كىچىك ئۈستەل ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرسا ئاسانلا بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلىنىڭ ياشلىشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلىنىڭ ياشلىشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟