بۇنداق سۇنى كۆپ ئىچسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق
كۈندىلىك تۇرمۇشتا «سۇنى كۆپ ئىچىڭ» دېگەن سۆزنى ئەڭ كۆپ ئاڭلىشىمىز مۇمكىن، ئەمما سىز بۇنداق سۇنى كۆپ ئىچسە راك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
قانداق سۇ راك پەيدا قىلىدۇ؟
بۇنىڭ جاۋابى دەل بىز ئادەتتە كۆپ دەيدىغان «ئىسسىق سۇنى كۆپ ئىچىش»تىكى «ئىسسىق سۇ» بولۇپ، بۇ يەردىكى «ئىسسىق سۇ» 65 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سۇنى كۆرسىتىدۇ. سۇنى كۆپ ئىچىش توغرا، لېكىن ئىچكەن سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك. راك پەيدا قىلىدىغان ھەقىقىي سەۋەب شۇكى، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە 65 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان ئىسسىق سۇ قىزىلئۆڭگەچ راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئېغىز بوشلۇقى، قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئىسسىق ئىچىملىك تېمپېراتۇرىسىغا نىسبەتەن بىر قەدەر سەزگۈر بولۇپ، 50-60 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئىسسىق ئىچىملىك تېمپېراتۇرىسىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن، 65 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، ھەزىم قىلىش يولىنىڭ كۆيۈپ يارىلىنىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
بەزىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا كۆيۈپ يارىلانغان ئېغىز بوشلۇقى ۋە قىزىلئۆڭگەچتىكى شىللىق پەردە ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلەلەيدۇ. ئەمما، ئەگەر سىزدە ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىق سۇ ئىچىش ئادىتى بولسا چوقۇم دىققەت قىلىڭ. يارا قايتا-قايتا كۆرۈلسە، ئەڭ ئاخىرىدا قىزىلئۆڭگەچ راكىغا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئىچمەكچى بولغان «ئىسسىق سۇ»نىڭ تېمپېراتۇرىسى 65 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولۇش كېرەكلىكىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس.
تەرجىمان: گۈلرىز سۈرئەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان