ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۈندۈزى لىمون سۈيى ئىچسە قارىداپ كېتەمدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-29 14:55

  بەزىلەر لىموننى يورۇقلۇققا سەزگۈر يېمەكلىك دەپ قاراپ، يورۇقلۇقنى ئاسان سۈمۈرۈۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىمىز قارىداپ كېتىدۇ دەيدۇ.

  بۇنىڭغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لىموندا ھەقىقەتەن يورۇقلۇققا سەزگۈر ماددىلار بار بولۇپ، ئاساسلىقى فۇران كوئۇمارىن. بۇ خىل ماددا ئۇلترا بىنەپشە نۇردا ئاكتىپلىشىپ، يورۇقلۇقتىن زەھەرلىنىش رېئاكسىيەسىنى پەيدا قىلىپ، ئۆسۈملۈك مەنبەلىك قۇياش نۇرى مەنبەلىك تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرىدە قىزىل داغ، سۇلۇق قاپارتما، ئېپىدېرما نېكروزلىنىش ۋە ياللۇغلانغاندىن كېيىنكى بەزى پىگمېنتلارنىڭ چۆكۈشىنى پەيدا قىلىپ، تېرىدە داغ پەيدا قىلىش، قارىداش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. لېكىن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى، لىموندىكى فۇران كوئۇمارىن مىقدارى كۆپ ئەمەس. بەزى ئالىملار بۇ توغرىسىدا تەجرىبە ئىشلىگەن، ئەگەر لىمون يېيىش ئارقىلىق يورۇقلۇققا سەزگۈر رېئاكسىيەسى ھاسىل قىلماقچى بولغاندا ھەر كۈنى تەخمىنەن 350تىن ئارتۇق لىمون يېيىشكە توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا بىز ئادەتتە لىمون سۈيى ئىچسەك، بەدىنىمىزگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن ۋە تېرىنى قارىدىتىۋەتمەيدىكەن.

  تەرجىمان: گۈلرىز سۈرئەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۈندۈزى لىمون سۈيى ئىچسە قارىداپ كېتەمدۇ؟

بەزىلەر لىموننى يورۇقلۇققا سەزگۈر يېمەكلىك دەپ قاراپ، يورۇقلۇقنى ئاسان سۈمۈرۈۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىمىز قارىداپ كېتىدۇ دەيدۇ.