ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىزىل شاكاللىق تۇخۇم ئادەتتىكى تۇخۇمغا قارىغاندا تېخىمۇ قۇۋۋەتلىكمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-29 14:59

  بەزىلەر قىزىل شاكاللىق تۇخۇمنى دالىدا بېقىلىدىغان يەرلىك توخۇنىڭ تۇخۇمى، شۇڭا كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىلغان توخۇنىڭ تۇخۇمىغا قارىغاندا تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۇخۇم شاكىلىنىڭ رەڭگى توخۇنىڭ نەسلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەمما ئوزۇقلۇق قىممىتى بىلەن باغلىنىشى يوق.

  بۆدۈنە تۇخۇمىنىڭ رەڭگىنى ئاساسلىقى تۇخۇم شاكىلى تەركىبىدىكى ئىپتىدائىي كىچىك پىگمېنت بەلگىلەيدۇ، ئىپتىدائىي مىكرو پىگمېنتنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، تۇخۇم شاكىلىنىڭ رەڭگى شۇنچە قېنىق بولىدۇ. ئىپتىدائىي مىكرو پىگمېنتنىڭ ئەسلىدىنلا ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق، ئىپتىدائىي مىكرو پىگمېنتنىڭ مىقدارى ھەمدە بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارى ئاساسلىقى ئىرسىيەت گېنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. دېمەك، تۇخۇم شاكىلىنىڭ رەڭگى مېكىياننىڭ تۈرىگە باغلىق بولۇپ، باشقا ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتسىز. مەيلى ئاق شاكاللىق تۇخۇم ياكى قىزىل شاكاللىق تۇخۇم بولسۇن، يېڭى ۋە ئىشەنچلىك بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم.

  تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى

  سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有