باش بەت>>پەن-تېخنىكا
ياپونىيەلىكلەر iPhone ئۈچۈن ئىچ كىيىم لايىھىلەپ چىقتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-07 16:27:49

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون مودا بۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھەر بىر يانفون ئابونتىنىڭ يانفونىغا ئاسراش قېپى ئىشلىتىشى ناھايىتى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. لېكىن بەزىلەر ئەگەر يانفونلارمۇ ئادەمگە ئوخشىسا، ئۇنداقتا، يانفونلارنىڭمۇ < ئەۋرىتى> بولۇشى كېرەك دەپ قارىغان، ئەمما زادى قەيەردە؟ دېگەن سۇئالغا، ياپونىيەنىڭ بىر شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئابونتلىرى ئۈچۈن بۇ مەسلىگە جاۋاب تاپقان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەقلىي ئىقتىداارلىق يانفون-iPhoneنىڭ ئەڭ ئوراپ قويۇشقا تېگىشلىك ئەۋرەت جايى بولسا-دەل ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى home كۇنۇپكىسى ئىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ شىركەت iPhone ئۈچۈن دۇنيادىكى بىردىنبىر ئىچ كىيىم-ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۇسار (SmartyPants) نى لايىھىلەپ چىققان.

ئۇلار لايىھەلەپ چىققان بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۇسار بولسا ئەر ۋە ئايال نۇسخىلىق دەپ ئايرىلدىغان بولۇپ، ئەر نۇسخىلىقىنىڭ بولسا ئۈچ بۇرجەك كۇسار ۋە ئۇزۇن كۇسار دەپ ئىككى خىل بولىدىكەن، ئايال نۇسخىلىقىنىڭ بولسا بىكىنى ھالىتىدىكى ئۈچ بۇرجەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاپلان تېرىسى گۈلىدە ئىكەن. ئىگەللىنىشىچە، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۇسارلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ باھاسى 200 ياپونىيە يېنى يەنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 13 يۈەن بولۇپ، مۇشۇ ئايدىن باشلاپ بازارغا سېلىنىدىكەن ھەم شۇنداقلا بۇ ھازىر ياپونىيەنىڭ تورلىرىدا تازا مودا بولۇۋېتىپتۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق