باش بەت>>پەن-تېخنىكا
قۇياش سىستېمىسىدىن باشقا پلانېتىلار بوشلۇقىغا كىرگىلى بولىدىغان «ئىشىك» بايقالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-01 19:09:58

«ساياھەتچى 1-نومۇرلۇق» نىڭ  قۇياش سىستېمىسدىكى ئورنى

شۇ يەر ۋاقتى 27-ئىيۇن، «پەن تېخنىكا» ژۇرنىلىنىڭ تور بېكىتىدە، ئامېرىكا 1977-يىلى قويۇپ بەرگەن ئالەم بوشلۇقىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى- «ساياھەتچى 1-نومۇرلۇق» نىڭ قۇياش سىستېمىسىنىڭ چەت گىرۋەكلىرىدىن-« ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم قۇياش سىستېمىسىدىن باشقا پلانېتىلار بوشلۇقىغا كىرگىلى بولىدىغان دەرۋازىنى بايقىغانلىقى» دەك ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئۇچۇرنى يەر شارىغا ئەۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. «پەن تېخنىكا» ژۇرنىلىدا بېسىلغان ئامېرىكا ئاۋىياتسىيەسى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالىملىرى بىرلىشىپ يازغان بۇ دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، «ساياھەتچى 1-نومۇرلۇق» ئالەم بوشلۇقىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ھازىرقى تۇرۇۋاتقان ئورنى قۇياش سىستېمىسىدىن تەخمىنەن 18 مىليارد كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، بۇ ئورۇن يەنە يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىلىقىنىڭ 125 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن. بۇ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى يەر شارىغا ئەۋەتكەن سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قۇياش سىستېمىسىدا ئۇدا 36 يىل ئۇچقان بۇ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئالىملارنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك ھازىرمۇ ھەم قۇياش سىستېمىسىدىن چىقىپ كېتەلمىگەن بولۇپ، پەقەت باشقا بىر رايونغا ئۇچۇپ بېرىپ قالغاندەك قىلاتتى.

تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، «ماگنىت مەيدان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى» دەپ ئاتالغان بۇ رايوننىڭ بايقىلىشى ئالىملارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ باقمىغان بولۇپ، كىشىلەر ھازىر بۇ يېڭى بايقالغان رايوننىڭ بەلكىم قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چەت چېگرىسىدىكى رايونى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ يەنە پىلانىتلار ئارا بوشلۇققا كىرىدىغان دەرۋازا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

ئالىملار ئىلگىرى «ساياھەتچى 1-نومۇرلۇق» ئالەم بوشلۇقىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قۇياش سىستېمىسىدىن چىقىپ كەتسىلا ماگنىت مەيدانىنىڭ يوقاپ نۆلگە ئايلىنىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان، ئۇلار يەنە قۇياش سىستېمىسىنىڭ بەلگىلىك ئېنىق بولغان چېگرىسى بولىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەنىدى. لېكىن «ساياھەتچى 1-نومۇرلۇق» ئالەم بوشلۇقىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى يېقىندا يەر شارىغا ئەۋەتكەن بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن قۇياش سىستېمىسىنىڭ بەلگىلىك ئېنىق بولغان چېگرىسىنىڭ يوقلۇقى، پەقەت ئۇنىڭ چەت گىرۋەكلىرىگە ماڭغانسېرى ماگنىت مەيدان كۈچىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاپ بارىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

يۇقارقى ئالامەتلەردىن تەتقىقاتچى خادىملار ھازىر قۇياش سىستېمىسىنىڭ بەلكىم مۇئەييەن ئېنىق بەلگىلىك بولغان چېگرىسىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇ يېڭى بايقالغان رايوننىڭ بەلكىم بىر ئۆتكۈنچى رايون ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي قوياش سىستېمىسىغا ياكى پىلانىتلار ئارا بوشلۇق رايونىغا تەۋە ئەمەسلىكىنى، بەلكى بۇ ئىككى سىستېمىسىنىڭ ئورتاق تەۋەلىكىدە بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشماقتا.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق