باش بەت>>پەن-تېخنىكا
كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزنى ئۆززگەرتەلەيدىغان 10 خىل يېڭى تېخنىكا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-21 11:23:08

 

 

يېقىندا ئامېرىكىدىكى ماسسا چۇستىس سانائەت پەنلىرى ئىنستىتوتى 2013-يىلى روياپقا چىقىدىغان 10 خىل ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نىشانىنى ئېلان قىلدى، بۇ تېخنىكىلار ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا چوقۇم ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار

«چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ تېخنىكا ساھەسىدە ئادەم مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارىغا تەقلىد قىلىنغان سېستىما تەتقىق قىلىنىدۇ، دەرىجىدىن تاشقىرى ھىسابلاش ماشىنىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى بۇ تېخنىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانىغا يېتىش مۇساپىسىنى قىسقارتتى.

ئۈنۈمى يۇقىرى قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى

قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىنىڭ تەننەرخى يۇقىرى، ئەمما ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كالفورنىيە تەبئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خالى ئادۇۋد تەننەرخى تۆۋەن، بىراق ئۈنۈمى بىر ھەسسىلەنگەن قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسى ياساشقا كىرىشتى.

ئىنسان ھەركىتىنى ئانالىز قىلالايدىغان ئەقلىيفون

«چوڭ سانلىق قىممەت» تىن پايدىلىنىش يانفونلارغا ئوموملىشىپ بولدى، ئەمدى كىشىلەرگە بۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق ئېنتېرنېت تورى، يانفون قىسقا ئۇچۇرى ۋە تېلفۇن ئالاقىسى ئاساسىدا ئاپەت ۋە كىسەللىكلەرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى مۆلچەرلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش نۆۋىتى كەلدى.

ئۆزىنى يوقىتالايدىغان ئالاقە تورى

يانفوندىكى ئاممىباب يۇمشاق دىتال سىناپچەتنىڭ ئىقتىدارىدىن ئايانكى، تور ئەھلىنىڭ شەخسىي سىرىنى ساقلاش ھوقوقىنى قوغداشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى ئۇچۇرلارنى ئۆزى ئۆچۈرەلەيدىغان ئالاقە تورىنى پەربا قىلىش.
دەرىجىدىن تاشقىرى قول سائىتى

قىسمەن يانفون سودىگەرلىرى ئېكراننى قاتلاش ۋە باغلىما تېخنىكىسى ئاساسىدا، ئەقلىفونلارنى قولنىڭ بېغىشىغا تاقىغىلى بولىدىغان قىلىپ ياساش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئالما شېركىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تۇنجى دەرىجىدىن تاشقىرى قول سائىتىنى بازارغا سالماقچى.

ئەستە ساقلاش ئۆزىكى

نېرۋا تېخنىكىسى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان يېڭى ئەستە ساقلاش ئۆزىكى ياساشنى مەقسەت قىلغان، ھازىر ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۇزاققىچە ياخشىلايدىغان ئۆزەك تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇ قان تومۇر ۋە مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقىمۇ ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

باھاسى مۇۋاپىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم

بۇ يىل تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى ھەر قانداق ئادەم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىل ماشىنا ئادەملەرنى باشقۇرۇش ناھايىتى ئاسان بولغاچقا بەزى جايلاردا كاتىپ ۋە ماشىنا كۈتكۈچىلەر پەيدا بولىدۇ.

D3 لىق پىرىنتىرلاش تېخنىكىسى

بۇ خىل پېرىنتىرنىڭ باھاسى يۇقىرى بولسىمۇ بىراق ئۇنى كەسىپلەشتۈرۈش جەھەتتە ئاللىقاچان زور تەرەققىيات قولغا كەلدى. ھازىر D3 لىق پىرىنتېر ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، پاراخوت ۋە پويىزنىڭ پارچە زاپچاسلىرىنى ياساشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى خېلىلا تۆۋەنلىدى.

تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى DNA

ئېرسىيەت قۇرۇلۇش ئىلمى ھازىر ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشىدىن بۇرۇنلا كەلگۈسىنى مۆلچەرلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، ئىلگىرى بۇ ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىراق بۇ يىل بۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق تۇغۇلۇش ئالدىدىكى ھامىلىنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن كېسەل بولۇش ئېھتىماللىقى، ھەتتا مىجەز-خۇلقىنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.

دەرىجىدىن تاشقىرى ئېلىكتىر تورى

تور مىقتاردىكى ئېلىكتىر ئېنىرگىيەنى قانداق قىلغاندا ناھايىتى يىراق ئارلىققا ئۈنۈملۈك يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟ بۇ دەل ABB شېركىتىنىڭ ئېنژىنىرلىرى تەتقىق قىلىۋاتقان تۈر، بۇ شېركەت تۇراقلىق توكنى نىشانغا يەتكۈزۈش يېڭى ئۇسۇلىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ. ناۋادا بۇ تېخنىكا روياپقا چىقسا، چىلىنىڭ شىمالىي بىلەن جەنۇبىدىكى ئاھالىلەر ئاتاكاما قۇملۇقىدىكى قۇياش ئېنىرگىيىسدىن پايدىلىنالايدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق