باش بەت>>پەن-تېخنىكا
Lumia929 يانفونىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقىتى كەينىگە سۈرۈلىدىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-26 23:25:04

 

 

ئەگەر سىز ھازىرغىچە 5 دىيۇملۇق سېزىمچان ئىكران سەپلەنگەن نوكىيا Lumia929 يانفونىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى ساقلاۋاتقان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا تۆۋەندىكى ئۇچۇر سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. چەتئەلدىكى Nokiapoweruser تور تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا Verizon خەۋەرلىشىش شىركىتى نوكىيا Lumia929 يانفونىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقىتىنى كىلەر يىللىق MWC يىغىنى مەزگىلىگە سۈرۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، مەھسۇلاتنىڭ ئېلان قىلىش مۇراسىمىمۇ ئۇنچە داغدۇغا قىلىنمايدىكەن. ئەگەر NPU تەرەپنىڭ خەۋىرى ئىشەنچىلىك بولسا، ئۇ ھالدا نوكىيا Lumia929 يانفونى بالدۇر بولغاندىمۇ كىلەر يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاندىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىكەن.

Lumia929 يانفونىنىڭ تورلاردا ئاشكارىلانغىنىغا بىر مەزگىل ۋاقىت بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇ ھازىرغىچە رەسمىي ئېلان قىلىنمىدى. تېخى نەچچە كۈن بۇرۇن مەزكۇر يانفوننىڭ كىلەر يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سېتىلىشقا باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بىر پارچە ئۇچۇر تارقالغانىدى، بىراق، ھازىر NPU تەرەپ ئۇنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنىڭ كەينىگە سۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىگەللىنىشىچە،مىكروسوفىتنىڭ نوكىيانى ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقى ئامېرىكا Verizon خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مەزكۇر يانفوننى ئېلان قىلىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈشكە سەۋەبچى بولغان. Verizon شىركىتى بۇ يانفوننى سېتىپ چىقىرىش سىتراتىگىيىسىنى نوكىيا بىلەن ئەمەس، بەلكى مىكروسوفىت بىلەن كېڭىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، مىكروسوفىت بىلەن نوكىيا ئوتتۇرىسىدىكى قوشۇۋىلىش سودىسى كىلەر يىلى بىرىنچى پەسىل ئىچىدە تاماملىنىدىغان بولغاچقا، Verizon خەۋەرلىشىش شىركىتى مۇشۇ ۋاقىتنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئىكەن.

نوكىيا Lumia929 يانفونى نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى بولسا مەزكۇر يانفون Lumia1520 نىڭ يۇقىرى سەپلىمىسىگە ۋارسلىق قىلغان بولۇپ، 5 دىيۇملۇق ئىكران، 2.2GHz لىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە 20 مىليون پىكسىللىق كامېرا سەپلەنگەن. رەسىم تارتىش ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، قوش چاقناتقۇچ چىراغ ئورنىتىلغان.

ئۇندىن باشقا، WP8 سىستېمىسى سەپلەنگەن بۇ يانفون يەنە LTE 4G تورىنى قوللايدىغان بولۇپ، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 32GB لىق ساقلاش سىغىمى سەپلەنگەن. قارا ۋە ئاق ئىككى خىل رەڭلىك نۇسخىسى بار. ئىگەللىنىشىچە، ئۇنىڭ سېتىلىش باھاسى 599 دوللار بولۇپ، خەلىق پۇلىغا 3650 يۈەن بولىدىكەن .

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق