باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>كەشپىيات ۋە بايقاشلار
گۇگېل بالىلاردىن ئىبارەت يېڭى ئىستېمالچىلار توپىنى نىشانلىماقتا
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-20 13:18:03

ئىزدەش كەسپى ساھەسىدىكى گىگانت كارخانا بولغان گۇگېل  ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئۆزگەرتىپ، بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھالدا گۇگېل مۇلازىمەت تۈرلىرىنى تېزىملىتىپ ئىشلىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۇگېل شىركىتى نۆۋەتتە كەسپ تۈرلىرىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق يېڭى ئىستېمالچىلار توپىنى جەلىپ قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەرخىل قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، بالىلار ئىزچىل ھالدا «تولۇق ئېچىلىپ پايدىلانمىغان ئابونتلار توپى» بولۇپ قالغان. ھالبۇكى، گۇگېل شىركىتى ئەمدىلىكتە بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكچى بولغان.

ئىگەللىنىشىچە، گۇگېل شىركىتى بالىلار نۇسخىسىدىكى بىخەتەر YouTube مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرالايدىكەن، بىراق، ھازىر بۇ خىل مۇلازىمەت تۈرىنىڭ زادى قاچان ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، گۇگېل بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرمىگەن.

بالىلارنى تور مۇلازىمەت تۈرلىرىگە باشلاپ ئەكىرىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بۇ نۇرغۇنلىغان قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. «بالىلارنىڭ توردىكى مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇن لايىھەسى» (COPPA) دە بەلگىلىنىشىچە، ئىنتېرنېت كارخانىلىرىنىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرىنى 13 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا قارىتا يولغا قويۇشى چەكلىنىدىكەن، بۇ بالا تەربىيىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. «بالىلارنىڭ توردىكى مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇن لايىھەسى» نىڭ مەقسىتى بالىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش شۇنداقلا ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىنى ساقلىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.

ئىگەللىنىشىچە، گۇگېلنىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرىگە تېزىملاتقاندا، سىستېما ئابونتلارنىڭ ياش ئۆلچىمىنى ئېنىق تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن، مەسىلەن Gmail قاتارلىقلار. گەرچە قىسمەن بالىلار ئۆزىنىڭ ياش سانىنى يالغاندىن تولدۇرسىمۇ، بىراق، گۇگېل بۇنىڭغا قارىتا مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدىكەن. گەرچە بۇ خىل سىتراتىگىيە مەلۇم ئالاھىدە توپقا قارىتىلغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇ تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن، ئۇ بولسىمۇ ئابونتلار سانىنى ئاشۇرالايدىغان ۋاستىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپەيتىش.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق