باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>كەشپىيات ۋە بايقاشلار
موتورولانىڭ يېڭى يانفونى Moto S نىڭ ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلاندى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-22 14:00:42

موتورولا شىركىتى گۇگېلغا ۋەكالىتەن كېيىنكى ئەۋلاد يانفونىنى ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكتىن، GFXBench ۋە «ئەنتۇ» قاتارلىق يانفون ئىقتىدارىغا نومۇر قويۇش دېتاللىرىدىكى «Shamu» ناملىق موتورولانىڭ يېڭى يانفونى ئىزچىل تۈردە Nexus 6 دەپ قارىلىپ كەلگەن، ھالبۇكى، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، Shamu نىڭ ھەقىقىي نامى Moto S بولۇپ، ئۇ Nexus تۈرىگە تەۋە ئەمەس ئىكەن، شۇنداقلا كەلگۈسىدە ئامېرىكىدىكى ۋىرىزون خەۋەرلىشىش شىركىتى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنىدىكەن.

Moto S ناملىق بۇ يانفونغا 5.9 دىيۇملۇق سېزىمچان ئىكران، QHD دەرىجىسىدىكى  ئىكران، كۇۋالكوم 805 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، ئاساس چاستوتىسى 2.65GHz گە يېتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە Adreno 420 تىپلىق سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۆزەكچىسى ئىشلىتىلگەن، ئىچكى ساقلىغۇچ سېغىمى 3GB، ئاساس ساقلىغۇچىسى 32GB بولۇپ، ئىقتىدارى جەھەتتە خىلى ئىلغار سانىلىدىكەن.

بۇ يانفوننىڭ ئالدى يۈزىگە ئىككى مىليونلۇق، ئارقا يۈزىگە 12 مىليون پىكسىللىق كامېرا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، 4K UHD ئېنىقلىقىدا سۈرەتكە تارتىشنى قوللايدىكەن، يۈز قىسمىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە LED لىق چاقناتقۇچ چىراغ قاتارلىقلار سەپلەنگەن ئىكەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، Moto S يانفونىغا 64 بىتلىق ئاندىرويىد سىستېمىسى قاچىلانغان بولۇپ، ئۇ يەنە بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە ئىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، Moto S يانفونى بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 11-ئاينىڭ باشلىرىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق