باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>كەشپىيات ۋە بايقاشلار
ئالما شىركىتى كېلەر يىلى چوڭ ئېكرانلىق ئايپەد ياساپ چىقىدۇ
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 17:56:03

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى نۆۋەتتە چوڭ ئېكران سەپلىنىدىغان يېڭى نۇسخىدىكى ئايپەدنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلى بازارغا سېلىشنى پىلانلىغان.

بۇ يېڭى نۇسخىدىكى ئايپەدنىڭ كۆرسىتىش ئېكرانى 12.9 دىيۇم بولۇپ، ئەڭ چوڭ نۇسخىدىكى MacBook Air ناملىق خاتىرە كومپىيۇتېردىن ئازراق كىچىك ئىكەن. ھازىر سېتىلىۋاتقان iPad Air گە 9.7 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن، iPad mini نىڭ ئېكران چوڭلۇقى بولسا 7.85 دىيۇم ئىكەن. ئىگەللىنىشىچە، بۇ خىل چوڭ ئېكرانلىق ئايپەد كىلەر يىل 2-پەسىل ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىكەن.

ئۆتكەن بىر قانچە ئاي ئىچىدە، ئالما شىركىتىنىڭ چوڭ ئېكرانلىق ئايپەد ياساپ چىقىشنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان، بەزىلەر بۇ يېڭى نۇسخىدىكى ئايپەدگە «iPad Pro» دەپ ئىسىم قويغان.

ئالما شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى ئايپەد تاختا كومپىيۇتېرلىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى ئىزچىل تۈردە ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن. ئالما شىركىتى ئېلان قىلغان ئالدىنقى بىر پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئايپەدنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 تۆۋەنلەپ كەتكەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالما شىركىتى ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئايپەد كەسپىنى قايتىدىن گۈللەندۈرمەكچى بولغان ھەمدە IBM شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئايپەد تاختا كومپىيۇتېرلىرىنى چوڭ كارخانىلارغا قارىتا سېتىشنى يولغا قويغان، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولغان. ئىگەللىنىشىچە، IBM نىڭ بازار ئېچىش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ئايپەدنى چوڭ كارخانىلارغا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلغاندىن سىرىت، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن كارخانا دەرىجىسىدىكى ئەپلەرنى قاچىلاپ بېرىدىكەن.

بۇندىن باشقا، ئالما شىركىتى يەنە ئايپەدنىڭ مەھسۇلات تۈرىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ چوڭ ئېكران سەپلەنگەن نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بولغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئالما شىركىتى ئايپەدنى يېڭى بىر تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش قورالى سۈپىتىدە كەڭ تەشۋىق قىلىشنى باشلىغان، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، ئايپەد مەلۇم ئەھۋاللاردا ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى خاتىرە كومپىيۇتېرنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئالالايدىكەن، ھالبۇكى، چوڭ ئېكران ۋە كۇنۇپكا تاختىسى سەپلەنگەن ئايپەدلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش دەل مۇشۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق