باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>كەشپىيات ۋە بايقاشلار
Android One نىڭ رەقىبى بولغان سامسۇڭ Tizen يانفونى 11-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-24 20:01:10

سامسۇڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ چىققان Tizen ناملىق مەشغۇلات سىستېمىسى كۆپچىلىككە ئانچە ناتونۇش ئەمەس، بىراق، بۇ سىستېما سەپلەنگەن يانفوننىڭ ئېلان قىلىنىش خەۋىرى تارقالغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، بىراق، ھەقىقىي مەھسۇلات تېخىچە رەسمىي ھالدا ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، سامسۇڭ شىركىتى ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى ئىككىنچى نۇسخا Tizen ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىنى پات-ئارىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان بولۇپ،  بۇ مەھسۇلات ئۇزۇنغا قالماي ئىستېمالچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن. «ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، سامسۇڭ شىركىتى 11-ئايدا Tizen سىستېمىسى سەپلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىنى ھىندىستان بازىرىغا كىرگۈزىدىكەن.

Tizen سىستېمىسى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، توختىماستىن ئۆزگەرتىلىۋاتقان بولغاچقا، بۇ سىستېما سەپلەنگەن تۇنجى سامسۇڭ Z يانفونى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ تاراتقۇلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئاشكارىلانغان، بىراق، سامسۇڭ Z ئىزچىل ھالدا ئىستېمالچىلار بىلەن رەسمىي يۈز كۆرۈشمىگەن. بۇ يانفون پىلان بويىچە 9-ئايدا روسىيەدە ئېلان قىلىنماقچى بولغان، بىراق، ئېلان قىلىنىش ۋاقتى يېتىپ كىلىشكە ئاز قالغاندا، پىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بازارغا سېلىنىش خىزمىتىمۇ كەينىگە سۈرۈلگەن.

Z يانفونى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، سامسۇڭ شىركىتى Tizen پىلانىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن، ھەمدە ئۇنى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئسىتېمال بازىرىغا يۈزلەندۈرمەكچى بولغان، ھىندىستان بازىرىغا قارىتا ئېلان قىلغانلىقمۇ بۇ مەھسۇلاتنىڭ بازاردىكى ئورنىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇپ، ئۇ سەپلىمە ۋە باھا قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تەڭپۇڭ نۇقتىنى تېپىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىۋاتقان ئىدى.

Tizen سىستېمىسى سەپلەنگەن يانفونلارنىڭ بىۋاستە رەقىبى گۇگېل يىقىندا ئوتتۇرىغا چىقارغان Android One تۆۋەن باھالىق يانفونلىرى ئىدى. مۇش ئاي ئىچىدە ھىندىستان بازىرىدا ئاللىقاچان ئۈچ خىل نۇسخىدىكى Android One ئۈسكۈنىسى ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 105 دوللار ئەتراپىدا بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەپلىمىسىمۇ بەك تۆۋەن ئەمەس ئىكەن. گۇگېل شىركىتى يىقىندا يەنە Android One سۇپىسىغا يېڭىدىن قوشۇلغان بىر نەچچە ھەمكارلاشقۇچى كارخانىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئىسمى يوق ئىكەن.

شۇنىسى ئېنىقكى، سامسۇڭ شىركىتى ھىندىستان بازىرىنى ئېچىشتا پەقەت ئاندىرويىد يانفونلىرىغا تايىنىپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆزىنىڭ Tizen مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە Tizen يانفونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، سامسۇڭ شىركىتى ئىلگىرى ئاندىرويىد ۋە Tizen يانفونلىرى تەڭلا بازارغ سالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىرچە سامسۇڭ Tizen يانفونىنىڭ سەپلىمىسى ۋە ئىقتىدارىغا ئائىت تەپسىلىي ئۇچۇر يوق، بىراق، ئىشىنىمىزكى، ئۇزۇنغا قالماي دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ يانفونغا ئائىت ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ، بۇ قېتىم بىز Tizen يانفونىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا بازارغا سېلىنىپ، ئىستېمالچىلار بىلەن بالدۇرراق يۈز-كۆرۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق