باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>كەشپىيات ۋە بايقاشلار
Lumia 830 يانفونى FCC نىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى، كېلەر ئايدا سېتىلىشقا باشلايدۇ
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-24 19:25:26

نوكىيا ئوتتۇرىغا چىقارغان لۇمىيا 830 يانفونى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاز بولمىغان ئىستېمالچىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق، بۇ يانفوننىڭ قاچان بازارغا سېلىنىدىغانلىقى نامەلۇم ئىدى. تۈنۈگۈن، نوكىيانىڭ لۇمىيا 830 يانفونى شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە خەلىقئارا بازارغا يۈزلەنگەن ئۈچ خىل نۇسخىسى ئامېرىكا فىدراتسىيە ئالاقە كومتېتى (FCC) نىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن. ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يانفون پات-ئارىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىلىشقا باشلايدىكەن.

بۇ قېتىم FCC تەرەپنىڭ تەستىقىگە ئېرىشكەن لۇمىيا 830 يانفونى جەمئىي ئۈچ خىل نۇسخا بولۇپ، تىپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا RM-985,RM-984 ۋە RM-983 ئىكەن، بۇلار شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە خەلىقئارا بازارغا قارىتا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ھەممىسى FDD-LTE/W-CDMA/GSM تور شەكلىنى قوللايدىكەن، بىراق، كونكىرىت تور چاستوتىسىدا قىسمەن پەرق باركەن. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، FCC نىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن يانفونلارلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، لۇمىيا 830 يانفونىنىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسى كېلەر ئاي ئىچىدە بازارغا سېلىنىدىكەن.

Windows Phone 8.1 سىستېمىسى سەپلەنگەن لۇمىيا 830 يانفونى ئالدىنقى ھەپتە ۋېيتنامدا ئېلان قىلىنغان، شۇ يەردىكى سېتىلىش باھاسى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 2320 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن.


شىياڭگاڭ نۇسخىسى بازارغا سېلىنىدۇ، باھاسى 2840 يۈەن بولىدۇ

بۇنىڭدىن باشقا، مىكروسوفىت شىركىتى يەنە شىياڭگاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلارغا تەكلىپنامە ئەۋەتكەن بولۇپ، 9-ئاينىڭ 24-كۈنى لۇمىيا 830 يانفونىنى شىياڭگاڭدا رەسمىي ئېلان قىلىدىكەن، مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىدىن باشلاپ زاكاز قوبۇل قىلىشنى باشلايدىكەن، سېتىلىش باھاسى 2840 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن.

لۇمىيا 830 نىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىغا كىرىش ۋاقتى ئانچە ئېنىق ئەمەس، نوكىيا ئورگان تورىدا تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ يانفوننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىغا كىرىش ۋاقتى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ئاستىراق بولىدىغان ئوخشايدۇ. بۇندىن ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردا، بۇ يانفوننىڭ لۇمىيا 730 بىلەن بىرگە ئەڭ كېچىككەندە 11-ئايدا سېتىلىشقا باشلايدىغانلىقى، سېتىلىش باھاسىنىڭ 2999 يۈەن بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، لۇمىيا 830 يانفونىغا سەپلەنگەن كامېرا ئۇنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق، مىكروسوفىت بۇ يانفوننى ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارغا ساتقاندىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ يانفون ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كارخانا بازىرىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولغان. مىكروسوفىت ئورگان بىلوگىدا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، لۇمىيا 830 يانفونى ئۆز نۆۋىتىدە كارخانا دەرىجىسىدىكى ئابونتلارغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆچمە ئۈسكۈنە باشقۇرۇش، كۈچەيتىلگەن قوللىنىشچان ئەپ باشقۇرۇش، Live Folders قاتارلىق مۇھىم ئىقتىدارلار قوشۇلغان، سودا ئىشلىرىدا ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كارخانا كەسپى ئىشلىرىدىمۇ مۇھىم روللارنى ئوينايدىكەن.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق