باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
webOS سىستېمىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور جۇڭگو بازىرىغا كىردى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-23 11:07:19

 

جۇڭگو بازىرىدىكى تۇنجى webOS سىستېمىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور UB8800 تۈنۈگۈن رەسمىي ھالدا ئىستېمالچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. مەزكۇر تېلېۋىزور كورىيە LG شىركىتى تەرىپىدىن ياسالغان بولۇپ، ئىكران ئېنىقلىق دەرىجىسى4K  گە يېتىدىكەن.

ئىگەللىنىشىچە، webOS سىستېمىسىگە خاس بولغان ئاددىي ۋە قولايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، LG شىركىتى كىيىنكى قەدەمدە بۇ مەھسۇلاتنى يەنە يۇقىرى سەپلىمىلىك ئەگمە يۈزلۈك OLED تېلېۋىزورى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى پىلانلىغان.

LG شىركىتىنىڭ تېلېۋىزور كەسپىگە مەسئۇل خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، LG شىركىتى webOS نى خۇيپۇ شىركىتىنىڭ قولىدىن سېتىۋالغان بولۇپ، ئاندىرويىد سىستېمىلىق تېلېۋىزورلاردىكى مەشغۇلات مۇرەككەپ بولۇشتەك يېتەرسىزلىكنى يېڭىش ئۈچۈن، webOS نى چوڭ ئىكرانلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورلارغا قوللانغان. ئۇلار بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دىگەن: «ئاندىرويىد سىستېمىسى ھەرگىزمۇ تېلېۋىزور ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ نۇقتىغا كەلگەندە webOS سىستېمىسى ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.»

تېلېۋىزور ئائىلىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنى يادرو قىلغان مەھسۇلات بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رولى ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئاددىي ۋە قولايلىق بولغان كۆڭۈل ئېچىش سۇپىسى يارىتىش. LG شىركىتىنىڭ قارىشىچە،webOS سىستېمىسى تېلېۋىزورلارغا سەپلەشكە تېخىمۇ ماس كىلىدىكەن. «پۈتكۈل سىستېما تەڭشەش رايۇنىدا، كۆپ خىل ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلالايدىغان بىرلا تېزىملىك بار، بۇنداق بولغاندا، كىشىلەر بىر تەرەپتىن تېلېۋىزور كۆرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن تېزىملىك ئارقىلىق كىيىنكى مەزمۇنلارنى قولايلىق ئۇسۇلدا ئىزدەپ تاپالايدۇ.» دەيدۇ LG شىركىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى سۆز قىلىپ.

webOS سىستېمىسىدا بارلىق ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى ياپراقچىسىمان شەكىلدە ئىكراننىڭ ئاستىنقى يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ «تېز سۈرئەتتە قوزغىتىش ستونى» ھاسىل قىلىنغان، بۇ كىشىلەرنىڭ تېلېۋىزورغا قارىتا مەشغۇلات قىلىشىغا زور دەرىجىدە قولايلىق ئېلىپ كەلگەن.

LG شىركىتى بۇندىن ئىلگىرى webOS سىستېمىسىنى يەرشارى مىقياسىدىكى %70 دىن ئارتۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورىغا ئىشلىتىش پىلانى بارلىقىنى تىلغا ئالغان، نۆۋەتتە، LG تېلېۋىزورلىرى ماركا ئوبرازى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ھالبۇكى،  webOS سىستېمىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورلارنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە كىرىشى ئاسانغا توختىمىغان. چەتئەلدىكى %90 دىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورغا كارخانىلار ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ چىققان مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان بولسا، جۇڭگودىكى %90 دىن ئارتۇق تېلېۋىزورغا ئاندىرويىد سىستېمىسى قاچىلانغان، قالغانلىرى بولسا ئاندىرويىد ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن سىستېما. شۇنىڭ ئۈچۈن، LG شىركىتى جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە شەكىللەنگەن مەھسۇلات ئىشلىتىش ئادىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، webOS ۋە ئاندىرويىد سىستېمىسىنى تەڭ تەرەققىي  قىلدۇرۇشتەك تىجارەت سىتراتىگىيىسىنى قوللانغان.

LG شىركىتى webOS سىستېمىسىنى كەڭ كۆلەمدە بازارلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، webOS سىستېمىسىنىڭ ئاخىرىغىچە پۇت دەسسەپ تۇرۇش-تۇرالماسلىقىنى سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلىكى بەلگىلەيدىغانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىدىكەن.

ئىگەللىنىشىچە، UB8800 تىپلىق تېلېۋىزور نۆۋەتتە 55 ۋە 65 دىيۇملۇق ئىككى خىل نۇسخىغا ئىگە بولۇپ، ھازىردىن باشلاپ ھەرقايسى چوڭ تىپتىكى سودا سارايلاردا ئالدىن سېتىلىشىقا باشلىغان، 55 دىيۇملۇق نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 16999 يۈەن بولغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق