باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>يېڭى مەھسۇلاتلار
يانچۇقتا تۇرغان iPhone 6 Plus نىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتتى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-25 19:20:17

بەزى iPhone 6 Plus ئابونتلىرى ئىجتىمائى ئالاقە تور بېكەتلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ iPhone 6 Plus توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىنى يوللاپ قويغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر نەپەر ئابونتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ تۇنجى بازارغا سېلىنغان كۈنى سېتىۋالغان بىر دانە iPhone 6 Plus يانفونىنى باشتىن ئاخىر يانچۇغىدا ساقلىغان، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قولىغا ئېلىپ قاراپ بۇ يانفوننىڭ شەكلىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. يەنە بىر ئابونتنىڭ دىيىشىچە، ئۇ iPhone 6 Plus نى سېتىۋالغاندىن كېيىن بىر نەچچە سائەت ئۇسسۇل ئوينىغان، ئاندىن كېيىن ماشىنا ھەيدەپ بىر توي مۇراسىمىغا قاتناشقان، يانفونى يانچۇقىدا 18 سائەت تۇرغاندىن كېيىن شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن.

بۇنداق شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرى يالغۇز iPhone 6 Plus دىلا كۆرۈلگەن ئەمەس، بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا بىر قىسىم ئابونتلار ئۆزلىرىنىڭ iPhone 5 ۋە 5s ئايفونلىرىنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەتلىكىنى بايقىغان، ئايفون گەۋدىسى نېپىز بولغانسېرى شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش ئەھۋالىمۇ ئېغىرلاپ بارغان، شۇڭلاشقا ئايفوننى يانچۇققا سېلىپ قويۇشمۇ بىخەتەر بولماي قالغان. ئۆلچىمى چوڭ ئايفونلارنى يانچۇقتا ئېلىپ يۈرۈپ ھەرىكەت قىلىش بەلكىم يانفوننى ئاسان بۇزۇۋېتىشى مۇمكىن، ئايفوننىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئولتۇرغاندا ياكى ھەرىكەت قىلغاندا iPhone 6 Plus نى يانچۇقتىن ئېلىۋېتىش، ئەڭ ياخشىسى ئايفوننى ئىشلەتمىگەن چاغدا قوغداش قېپىغا سېلىپ يۈرۈش لازىم.

 

 

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق