ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيانىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن جۇڭگو كۈچى قوشۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 19:21

5G+AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇزىكا ئەترىتى، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ماشىنا ئادىمى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەنھەرىكەت جابدۇقلىرى ...... جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى يېقىندا بېيجىڭدا باشلاندى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلاتلار كەينى-كەينىدىن نامايان بولدى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەر بەس-بەستە مەيدانغا چىقىپ، كىشىلەرگە دۇنيا مۇلازىمەت سودىسى تەرەققىياتىنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى بىۋاسىتە نامايان قىلىپ، دۇنياغا دۇنيانىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان جۇڭگو كۈچىنى ئېنىق ھېس قىلدۇردى.

بۇ بىر مەيدان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى نامايان قىلىدىغان كاتتا مەرىكە. بۈگۈنكى كۈندە، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپچىلىك ئەۋج ئالدى، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يەر شارىدا يامرىماقتا، دۇنيا ئىقتىسادى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل دۇنيا سودا مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %30 تىن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگونىڭ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇشۇنداق بىر مەيدان زور خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشى- دۇنيادىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، دۇنيا مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى سىتىفىن پېررى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يەنىلا مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە، مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى دادىل ھەم ئاقىلانە قارار بولۇپ، جۇڭگونىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى، بۇ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ سىياسىي ئوبزورچىسى فەرۇخ بورىچ مۇنداق دېدى: مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى شۇنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردىكى، ئىنسانلار كۆپ خىل خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە، جۇڭگو يەنىلا سەگەك ھەم قەتئىي ھالدا دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ بىر مەيدان ھەمكارلىق قۇۋۋىتىنى قوزغايدىغان كاتتا مەرىكە. رەقەملىك تېخنىكىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇلازىمەت سودىسى تەدرىجىي دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى. دۇنيا سودا تەشكىلاتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن 15 يىلدا، يەر شارى مۇلازىمەت سودا سوممىسىنىڭ يىللىق ئېشىش سۈرىتى مال سودا سوممىسىدىن يۇقىرى بولدى؛ كەلگۈسى 20 يىلدا، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ دۇنيا سودىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنە تېز سۈرەتتە ئاشىدۇ. مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى

زور، لېكىن بۇ خىل يوشۇرۇن كۈچنى بالدۇرراق رېئال نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش يېڭى سۇپىنىڭ ياردىمى، يېڭى پۇرسەتنىڭ تۈرتكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، 148 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 18 مىڭ كارخانا ۋە ئاپپاراتنى جەلپ قىلدى، 100 مىڭ كىشى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى، يۈز مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەت زىچ ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئەنگلىيە دۇرون داشۆسى پۇل مۇئامىلە ئىلىمىنىڭ باش پىروفېسسورى گو جيې مۇنداق دەپ قارىدى: مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىنىڭ ئۆلچىمى يۇقىرى، كۆلىمى چوڭ، كارخانىلارنىڭ يېڭى بازارنى كېڭەيتىشىگە ھەقىقىي ياردەم بېرىدۇ، يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

ماراكەش ئافرىقا جۇڭگو ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ناسىر بۇشىبا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈش دۇنيانىڭ پەن تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا،دۇنيا مۇلازىمەت سودىسى ئىتتىپاقى قۇرۇشقا پايدىلىق .

بۇ بىر مەيدان ئېچىۋېتىش سىگنالىنى يەتكۈزىدىغان كاتتا مەرىكە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىجىل كېڭەيتىلىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش پايدىسىدىن بەھرىمەن بولدى.

مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىدە، جۇڭگو رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىنىڭ بارغانسېرى چوڭ ئېچىلغانلىقىدىن يەنە بىر قېتىم ئېنىق سىگنال بەردى.

چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ بازار ئىجازىتىنى داۋاملىق قويۇۋېتىشكىچە، ئاندىن ئەلا مۇلازىمەت ئىمپورتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىشكىچە، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرى ھەقىقىي بولدى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.

فىرانسىيەنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سونىيا بۇرېسلېي مۇنداق دېدى: بىر قىسىم دۆلەتلەر بېكىنمە يولغا ماڭغاندا، جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقتا چىڭ تۇردى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى ياراتتى.

ھازىر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. كەسكىن خىرىس ئالدىدا، مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى جۇڭگو ئىدىيەسىنى: سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش- تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ پىلانى، ئۆزئارا قوللاش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش قىيىنچىلىقنى يېڭىشنىڭ توغرا يولى، دەپ جانلىق شەرھلەپ بەردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيانىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن جۇڭگو كۈچى قوشۇلدى

5G+AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇزىكا ئەترىتى، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ماشىنا ئادىمى،