ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«پاكىز تور»نى تەشۋىق قىلىدىغان ئامېرىكىنىڭ تور بوشلۇقىدىكى داغلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 19:26

يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو خەلقئارادا جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى چەكلەيدىغان ئاتالمىش «پاكىز تور»پىلانىنى ھەر تەرەپتىن تەشۋىق قىلدى. مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ تور بوشلۇقىدا داغ شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق، ئۆز دۆلىتىنىڭ تور ئۇرۇشى كۈچىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تور ھۇجۇمىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان باشقا دۆلەتلەرگە قارا چاپلىدى. «ئوغرى ئوغرىنى تۇت» دېگەن ئويۇن ئامېرىكىنىڭ تور زومىگەرلىكى تەپەككۇرىنى، «ئامېرىكىچە قوش ئۆلچەم»نى تولۇق نامايان قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا توردا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، نازارەت قىلىشقا نۇرغۇن مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى سالدى. ئامېرىكا دۆلەت ئاخبارات باش نازارەتچىسى ئىشخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ئومۇمىي خىراجىتى 80مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2007-يىلىدىكىدىن % 30 كە يېقىن ئاشقان. فۇدەن داشۆسى ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ۋاڭ شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات سىستېمىسى خامچوتىدا، تور ئاخباراتى ۋە تور ئۇرۇشى خامچوتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىيىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئۈلۈشى بارغانسېرى ئاشماقتا.

ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى تور بوشلۇقىدىكى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، نازارەت قىلىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىدە ئاساسەن رايون، مەيدان تاللىمايدۇ. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 2013-يىلى 10-ئايدا: ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلنىڭ يان تېلېفونىنى نازارەت قىلىپ ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن دېدى، مېركىل ئارقىدىن شۇ چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباماغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، بۇ «ئىشەنچكە ئېغىر زىت»دەپ تەكىتلىگەن. «ۋىكلىكىس مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش» تور بېكىتى 2015-يىلى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فىرانسىيەنىڭ ئۈچ نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلىرى شىراك، ساركوزى ۋە ھوللاندى قاتارلىقلارنىڭ تېلېفونلىرىنى كۆزىتىپ ئاڭلاپ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەريانىدىكى بەزى مۇھىم ئەھۋاللارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

بۇلتۇر 6-ئايدا «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئاخبارات خادىملىرى رۇسىيەنىڭ ئېلېكتىر سىستېمىسىغا يامان غەرەزلىك پىروگرامما كودى كىرگۈزۈپ، ئاخبارات تىڭ-تىڭلىدى ياكى رۇسىيەنىڭ ئېلېكتىر سىستېمىسىغا تور ھۇجۇمى قوزغىدى. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ شۇ ئايلىق خەۋىرىدە: ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى ئىرانغا تور ھۇجۇمى قوزغاپ، ئىراننىڭ راكېتا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىدىغان كومپيۇتېر سىستېمىسىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى دېيىلدى.
ئامېرىكا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ تېلېفونلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاپ، قارشى تەرەپنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە تورىغا ھۇجۇم قىلىپلا قالماي، يەنە تور ۋاسىتىسى ئارقىلىق، يەر شارى مىقياسىدا ئادەتتىكى ئاممىنىڭ تېلېفونلىرىنى كەڭ كۆلەمدە، پەرقسىز كۆزىتىپ ئاڭلاپ، نازارەت قىلىپ، ئالاقىدار دۆلەت ئاممىسىنىڭ ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇداپىئە ھۆددىگەر كارخانىسىنىڭ خادىمى سىنوۋدىن تەمىنلىگەن مەخپىي ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىلەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلىشىش باش ئىشتابى 2007-يىلى بىرلىشىپ نەچچە ئون خىل يان تېلېفون يۇمشاق دېتالى ۋە ئويۇندىن ئابۇنىتلارنىڭ ئۇچۇرىنى يىغقان؛ ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ 2013-يىلىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ تېلېفونلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان. «ۋىكلىكىس مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش»تور بېكىتى 2017-يىلى، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ كۈچلۈك خايكېر ھۇجۇم ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى، يان تېلېفون، كومپيۇتېر، ھەتتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور قاتارلىق نۇرغۇن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرگە مەخپىي تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە سامسۇڭ تېلېۋىزورىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۈن ئېلىشقا بولىدىغان ئوغرىلىقچە تىڭشىغۇچ بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

توردىكى «رەزىل قىلمىش» ئامېرىكىنىڭ مىسلىسىز جامائەت پىكرى ۋە دىپلوماتىيە بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇلارنى تىنچىتىش ئۈچۈن، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توردا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋاملىق ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، دىپلوماتىيە مىزانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئاممىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان توردا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى يوشۇردى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بۇ يىل 2-ئايدا ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى باش ئىشتابى شىۋېيتسارىيەدە تەسىس قىلىنغان شىفىرلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى بولغان كرىپتو شىركىتىنى ئىزچىل كونترول قىلىپ كەلدى، بىر تەرەپتىن چەتئەل ھۆكۈمىتى ۋە كارخانىلىرىغا شىفىرلاشتۇرۇش ماشىنىسى سېتىپ نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ شىركەتنىڭ شىفىرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق 120 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ مەخپىي ئۇچۇرىنى ئوغرىلىدى.

ۋاڭ شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋەرلىشىش تورى، سانلىق مەلۇمات مەركىزى، ئېلېكتىر تورى قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەخپىي تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، بۇنىڭدىن مەقسەت ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، نازارەت قىلىش ئارقىلىق ئاخباراتقا ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى ئاتالمىش «مۇداپىئە ئالدىنقى سېپى» تور ئۇرۇشى ئىدىيەسىنى يولغا قويۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئايلىنىشى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىش.

ئامېرىكا تېخنىكا جەھەتتىن «يوشۇرغان» دىن باشقا، يەنە قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە جامائەت پىكرى جەھەتتە ئۆزىنىڭ توردا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولدى.

«11-سېنتەبىر»ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا پارلامېنتى «ۋەتەنپەرۋەرلەر قانۇنى»نى ماقۇللاپ، ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار سوتنىڭ ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن، تور شىركىتىدىن سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى، ھەمدە ئاخبارات تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىمەيدىغان بولدى. 2008-يىلى «چەتئەل ئاخبارات نازارەت قىلىش قانۇن لايىھەسى»نىڭ تۈزىتىلمىسىنى ماقۇللاپ، ئالاقىدار سوتنىڭ ئىجازەت شەرتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتلىرىنىڭ توردا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، مەخپىي سانلىق مەلۇمات توپلاش جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

ۋاڭ شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى، پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىر قىسىم ئالىملارغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تور ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋە نازارەت قىلىش پائالىيىتىنى «دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قوللانغان ئاخبارات توپلاش پائالىيىتى»، بۇنىڭدا دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە دىپلوماتىيە ئېھتىياجى چىقىش قىلىنغان دەپ جار سېلىپ، ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، بۇزغۇنچىلىقىنى سۇسلاشتۇرماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا يەنە يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ، باشقا دۆلەتلەرنى تورىمىزنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىدى، نازارەت قىلدى ۋە ھۇجۇم قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋە نازارەت قىلىشتىن باشقا، يەنە دۇنيا بويىچە تور ئۇرۇشىغا ھەقىقىي تەييارلىق قىلغان تۇنجى دۆلەت. 2017- يىلى، ئامېرىكا ئارمىيەسى تور قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ دەرىجىسى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 10-بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابىغا رەسمىي ئۆستۈرۈلۈپ، ئورنى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىق ئاساسلىق ئۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابلىرى بىلەن تەڭلەشتۈرۈلدى، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ئارمىيە خىللىرىدىمۇ تور ئۇرۇشى قىسىملىرىنىڭ ئىشتاتى بار. جامائەتچىلىك: بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تور ئۇرۇشىغا ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئورنىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، ئەمەلىي ئۇرۇشقا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«پاكىز تور»نى تەشۋىق قىلىدىغان ئامېرىكىنىڭ تور بوشلۇقىدىكى داغلىرى

يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو خەلقئارادا