ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو باشتىن-ئاخىر كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى بولماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-24 17:55

بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىر قېتىملىق قاتتىق سىناق. مۇشۇنداق تارىخىي پەيتتە تۇرۇپ ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلىگىنىمىزدە، بۇنىڭ تارىخىي مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر.

دۇنيا قانداق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا موھتاج؟ كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؟ ئىنسانلار يۆنىلىشنى پەرقلەندۈرۈشكە موھتاج. 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ب د ت بېسىپ ئۆتكەن ئاجايىپ مۇساپىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ب د ت نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان جۇڭگو تەشەببۇسىنى شەرھلەپ، ب د ت ئىشلىرىنى قوللايدىغان، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغدايدىغان جۇڭگو كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى. خەلقئارا جامائەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە كۆپ تەرەپچىلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت بايرىقى ئاستىدا تېخىمۇ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئىشەنچ قوشۇلدى دەپ قارىدى.

75 يىلدىن بۇيان، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تېز تەرەققىي قىلدى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، كۆپ تەرەپچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، خەلقئارادىكى ئىشلارنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ قىلىش، دۇنياۋى خىرىس ئالدىدا جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش كېرەك. نۆۋەتتە، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپچىلىك، زومىگەرلىك قىلمىشى باش كۆتۈرۈپ خەلقئارا تەرتىپكە زەربە بەردى، خەلقئارا ھەمكارلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. دۇنياۋى تەھدىت ۋە خىرىسقا كۈچلۈك دۇنياۋى تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، ب د ت نىڭ دەسلەپكى بۇرچىنى توغرا ئىگىلەش ئاساسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تۆت مۇھىم تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئادالەتنى قوللاش، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىققەتنى ھەرىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈش. ھەرقانداق دۆلەتنىڭ خەلقئارا ئىشلارنى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىگە خوجا بولۇۋېلىش، تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكىنى مونوپول قىلىۋېلىشىغا بولمايدۇ، دۇنيادا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا، زومىگەرلىك، يولسىزلىق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. «ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە مەنپەئەتىنى تۈزۈم ۋە قائىدە ئارقىلىقلا ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ، كىمنىڭ مۇشتۇمى چوڭ بولسا شۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا بولمايدۇ» ، «سۆھبەتنى توقۇنۇشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، كېڭىشىشنى مەجبۇرلاشنىڭ ئورنىغا قويۇش، تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى نۆل يىغىندىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش كېرەك» ، «كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قۇرۇق گەپ ساتماي، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناق ھەمكارلىشىدىغان خەلقئارا چوڭ ئائىلە قۇرۇش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ رېئال خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىغا ماس كېلىدىغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان، ھەرىكەتكە ئىلھام بېرىدىغان ئىدىيەۋى كۈچنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. خۇددى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىمى سېرگېي لۇكونىننىڭ كۆزەتكىنىگە ئوخشاش، جۇڭگو تېخىمۇ ئادىل خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا، تېخىمۇ ئادىل، تەڭپۇڭ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىشقا كۈچ چىقارماقتا، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ياخشىلاش تەشەببۇسى كەڭ قوللاشقا ئېرىشتى.

جۇڭگو ب د ت خارتىيىسىگە تۇنجى بولۇپ ئىمزا قويغان دۆلەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت، شۇنداقلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىكى بىردىنبىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. جۇڭگو بارلىق ئومۇميۈزلۈك ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتلارغا، 500 دىن ئارتۇق خەلقئارا ئەھدىنامىگە قاتناشتى؛ جۇڭگو 30 نەچچە تۈرلۈك تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، 40 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تىنچلىق ساقلاش خادىمى ئەۋەتتى؛ جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلار سەھىيە ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى... جۇڭگو خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، خەلقئارا ۋەدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ب د ت نىڭ يۈكسەك غايىسىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى بىرلىكتە قۇرۇش تەشەببۇسى، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپى قاتارلىقلار كۆپ قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلدى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس: «جۇڭگو ب د ت ئىشلىرىنىڭ مۇستەھكەم قوللىغۇچىسى ۋە ئاساسلىق قاتناشقۇچىسى، شۇنداقلا خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ تۈۋرۈكى، يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا»دەپ يۇقىرى باھا بەردى.
ب د ت يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، ب د ت يەتتە مىلياردتىن ئارتۇق خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈستىگە ئالغان. ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدا «ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش خىتابنامىسى» ماقۇللاندى، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى. ب د ت شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان يەر شارى سۆھبەت پائالىيىتى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %87 زىيارەت قىلىنغۇچى يەر شارى ھەمكارلىقىغا ماس كېلىش ھازىرقى خىرىسلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىغان.

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، تەقدىرى زىچ باغلانغان. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى بولۇشنى تەكىتلەپ، دۇنياۋى تۈزەش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ب د ت يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى، خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپنى، ب د ت نىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى يادرولۇق رولىنى قەتئىي قوغدايدۇ. بۇ دۇنيانى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى، بۈگۈنكى دۇنيا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولغان مەسئۇلىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ دەپ قارىغانلىق.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو باشتىن-ئاخىر كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى بولماقتا

بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، تۇيۇقسىز يۈز