ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيەدىكى يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 22:19
ياپونىيەدىكى بىر قىسىم يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار كېلەر يىلىدىن باشلاپ 600 مىڭ ياپونىيە يىنى يەنى جۇڭگو پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 39 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماسى قىلسا بولىدۇ. ياپونىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇھەببەتلىشىۋاتقان، تېخى توي قىلمىغان ياشلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى پەسەيتىشنى ئۈمىد قىلغان، ئۇلار بۇ ئارقىلىق نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى  تۆۋەن   بولۇش   ئەھۋالىنى   ياخشىلاشنى   ئىلگىرى   سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
ياپونىيەدىكى بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر «تويدىن كېيىنكى يېڭى تۇرمۇشقا ياردەم بېرىش تۈرى»نى يولغا قويدى، يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل ئۆي كۆچۈش، ئۆي ئىجارىسى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ياپونىيە كابىنېتنى مەھكىمىسى يېقىندا يېڭى توي قىلغانلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئالاقىدار يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى، ياردەم پۇل سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكى بىر قاتلىنىپ، ئىلتىماس قىلىنغان ئوبيېكتنىڭ يېشى ۋە كىرىم چەكلىمىسى كەڭ قويۇۋېتىلدى.
يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، 2021-مالىيە يىلىدىن باشلاپ، «تويدىن كېيىنكى يېڭى تۇرمۇشقا ياردەم بېرىش تۈرى» قاپلىغان رايون ئاھالىلىرى توي قىلىش ئىلتىماسى سۇنغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ توي قىلغان ۋاقىتتىكى يېشى 39 ياشتىن تۆۋەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 5 مىليون 400  مىڭ ياپونىيە يېنى يەنى جۇڭگو پۇلىغا سۇندۇرغاندا 350 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاز بولسا، 600 مىڭ ياپونىيە يېنى يەنى جۇڭگو پۇلىغا سۇندۇرغاندا 39 مىڭ يۈەن يېڭى توي قىلغانلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .
ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمىلەر 34 ياشتىن تۆۋەن يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلارغا تەتبىقلانغان بولۇپ، ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 4 مىليون 800 مىڭ ياپونىيە يىنى يەنى جۇڭگو پۇلىغا سۇندۇرغاندا 310 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولسا، ياردەم پۇلىنىڭ يۇقىرى چېكى 300 مىڭ ياپونىيە يېنى يەنى 19 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ .
ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئامىللار تۈپەيلىدىن توي قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلەرنى توي قىلىشقا دەۋەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياپونىيە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە نوپۇس مەسىلىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ 2015-يىللىق تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، 25 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان توي قىلمىغان كىشىلەر ئىچىدە % 29.1 ئەر ۋە % 17.8 ئايال «توي مەبلىغى يېتىشمەسلىك» سەۋەبىدىن بويتاق يۈرۈشنى تاللىغان.
كابىنېت مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، ياپونىيەدە جەمئىي % 15 ( 281 ) كەنت «توي قىلغاندىن كېيىنكى يېڭى تۇرمۇشقا ياردەم بېرىش تۈرى» نى يولغا قويغان. كىيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياردەم پۇلىنىڭ يېرىمىنى يەرلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدىكەن، تۈرنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، كابىنېت مەھكىمىسى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مەركەزنىڭ   پۇل   ئاجرىتىش   نىسبىتىنى   يۇقىرى   كۆتۈرگەن. ئىچكى كابىنېت مەھكىمىسى بۇ ئېشىش سوممىسىنى كېيىنكى يىللىق مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزگەن.
ياپونىيەنىڭ 2020-يىلى نەشر قىلىنغان «تۇغۇت نىسبىتى ئازلاۋاتقان جەمئىيەتكە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئاق تاشلىق كىتابى»نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى ياپونىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 126 مىليون 170 مىڭ، شۇ يىلى يېڭىدىن تۇغۇلغان نوپۇس 865 مىڭ بولۇپ، 1979-يىلى بۇ تەكشۈرۈش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولغان. ياپونىيەلىك ئاياللار ئۆمرىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.36 بالا تۇغىدۇ، تۇغۇش نىسبىتى تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرماقتا.
كېچىكىپ توي قىلىش ۋە توي قىلماسلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىمۇ ئاز پەرزەنت كۆرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مۇھىم ئامىل. 2015-يىللىق ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئەينى چاغدا ياپونىيەدە 30 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن ئىككىسىنىڭ ئىچىدە بىرى توي قىلمىغان، بۇ ياشتىكى تەخمىنەن ئۈچ ئايالنىڭ ئىچىدە بىرى توي قىلمىغان. 35 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنىڭ ئىچىدە، تەخمىنەن ئۈچىنىڭ ئىچىدە بىرى توي قىلمىغان، ئوخشاش ياشتىكى تەخمىنەن تۆت ئايالنىڭ ئىچىدە بىرى توي قىلمىغان .

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياپونىيەدىكى يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

ياپونىيەدىكى بىر قىسىم يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار كېلەر يىلىدىن باشلاپ 600 مىڭ ياپونىيە يىنى يەنى جۇڭگو پۇلىغا سۇندۇرغاندا