ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىران نېمە ئۈچۈن قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ قويۇقلۇقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-06 17:49

ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئەلى رابىئى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىران قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ قويۇقلۇقىنى %20 كە كۆتۈرۈشكە باشلىدى دېدى. بۇ-ئىراننىڭ 2019-يىلى 5-ئايدا ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنىڭ قىسمەن ماددىلىرىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ قويۇقلۇقىنى 2-قېتىم ئۆستۈرۈشى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىراننىڭ بۇ ۋاقىتتا قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇشنى تاللىشى-ئىران گېنېرالى سۇلايمانىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن قەستكە ئۇچرىغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ تەدبىر-ئامېرىكا تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىرانغا قاراتقان ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پات ئارىدا تەختكە چىقىدىغان ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىشى ۋە ئىرانغا قارىتىلغان جازانى بىكار قىلىش سۆھبىتىدە تېخىمۇ كۆپ پېچكىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت.

رابىئى مۇنداق دېدى: ئىران فوردو يادرو ئەسلىھەسىدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ قويۇقلۇقىنى %20 كە كۆتۈرۈشكە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا باشلىدى ھەم خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىغا ئۇقتۇردى. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، پۇقراۋى دەرىجىلىك قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ قويۇقلۇقىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %20 بولىدۇ.

بۇلتۇر 12-ئاينىڭ بېشىدا، ئىران ئاساسىي قانۇننى قوغداش كومىتېتى پارلامېنتتا ماقۇللانغان بىر قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاپ، ھۆكۈمەتتىن ئىككى ئاي ئىچىدە ئىرانغا قارىتىلغان جازانىڭ بوشىغانلىقىنى بايقىمىغان ئەھۋالدا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئىراندا يادرو تەكشۈرۈشىنى رەت قىلىشى ھەم ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ چەكلىمىسىنى يەنىمۇ بۇزۇپ تاشلىشىنى تەلەپ قىلدى.

2015-يىلى 7-ئايدا، ئىران ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىران ئۆزىنىڭ يادرو پىلانىنى چەكلەشكە ۋەدە بەردى، خەلقئارا جەمئىيەت ئىرانغا قارىتىلغان جازانى بىكار قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2018-يىلى 5-ئايدا ئىران يادرو كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنىپ چىقتى، ئارقىدىن ئىرانغا قارىتىلغان بىر قاتار جازالاش تەدبىرلىرىنى قايتا يولغا قويدى ھەم يېڭىدىن كۆپەيتتى. ئىران 2019-يىلى 5-ئايدىن بۇيان ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ قىسمەن ماددىلىرىنى ئىجرا قىلىشنى تەدرىجىي توختىتىپ، قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ قويۇقلۇقىنى %4.5 كە يەتكۈزۈپ، ئىران يادرو كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن %3.67 لىك قويۇقلۇقتىن ئاشۇرۇۋەتتى، لېكىن بۇ قورال دەرىجىلىك قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ %90 لىك قويۇقلۇقىدىن خېلىلا تۆۋەن. ئىران شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوللانغان تەدبىرنىڭ «قايتما» ئىكەنلىكىگە ۋەدە بەردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى بىر باياناتىدا، ئىراننىڭ بۇ ھەرىكىتى «يادرو قاقتى-سوقتى قىلىش» سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى يادرو تەكشۈرگۈچىلىرى دوكلاتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا داۋاملىق دىققەت قىلىدۇ دېدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى يېقىندىن بۇيان داۋاملىق جىددىيلەشتى. ئىراق ئارمىيە دائىرىلىرى بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قوراللىق كۈچلەر باغدادتىن يېشىل رايونىغا راكېتامىيوت قويۇپ بەردى دېدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئارقىدىنلا بۇ راكېتامىيوتلار ئىراندىن كەلگەن دەپ ئەيىبلەپ، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ رەددىيە بېرىشىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى يىراق مۇساپىلىك ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ شۇ كۈنى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قاراپ ئۇچقانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «نىمىتز» ناملىق ئاۋىياماتكىسى ئامېرىكىغا قايتىش پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، «ئىراننىڭ يېقىندىن بۇيانقى تەھدىتى»گە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرق دېڭىز تەۋەلىكىدە داۋاملىق بۇيرۇق كۈتىدۇ دېدى.

نۇرغۇن تاراتقۇلار مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ-كەلگۈسىدە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىشىگە تېخىمۇ كۆپ توسالغۇ پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

1-ئاينىڭ 3-كۈنى-ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسمىغا قاراشلىق «مۇقەددەس شەھەر لۈسى»نىڭ قوماندانى سۇلايمانىنىڭ ئىراقتا ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى تەرىپىدىن قەستكە ئۇچرىغانلىقىغا بىر يىل بولغان كۈن، سۇلايمانىنىڭ قوللىغۇچىلىرى شۇ كۈنى ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن جايدا ئامېرىكىغا قارشى يىغىلىش، نامايىش ئۆتكۈزدى. ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھامىنىي بىلەن ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى يېقىندا سۇلايماننىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك «ئۆچ ئېلىش» كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.
ئامېرىكىدا تەسىس قىلىنغان ئاقىللار ئامبىرى ئورگىنى گېرمانىيە مارشال فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىران مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئارىيان تاباتاباي ئىراننىڭ 1-ئاينىڭ 4-كۈنى قويۇلدۇرۇلغان ئوراننىڭ قويۇقلۇقىنى ئۆستۈرۈشنى ئېلان قىلىشى-سۇلايمانىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەشتىكى بىر خىل ئۇسۇل دېدى.

شاڭخەي چەتئەل تىللىرى داشۆسى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ پىروفېسسورى فەن خۇڭدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىراننىڭ قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ قويۇقلۇقىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىدىن غەزەپلەندى، بىراق زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى پات ئارىدا توشىدىغان ئەھۋالدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىغمۇ-تىغ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىشى تەس، كېيىنكى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەبلىك ئىران يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.
ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشىنىڭ ئىران مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى باربارا سلېۋىن ئىراننىڭ بۇ ھەرىكىتى-پات ئارىدا تەختكە چىقىدىغان بايدىن ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتتە تېخىمۇ كۆپ پېچكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىپ، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە قايتىدىن رىئايە قىلىشى ۋە ئىرانغا قارىتىلغان جازانى تېزدىن بىكار قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ قارىدى.

سلېۋىن ئىران قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرغاندىن كېيىن، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە ساقلىغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئىران قويۇقلۇقى %20 بولغان تېخىمۇ كۆپ قويۇلدۇرۇلغان ئۇرانغا ئېرىشىدۇ، ئەگەر بايدىن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ناھايىتى تېزلا ئىران يادرو كېلىشىمىگە قايتىپ كەلسە، بۇ ۋەزىيەتتە تېز سۈرئەتتە بۇرۇلۇش بولىدۇ دېدى.

ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان بايدىن ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئاشكارا ھالدا، ئامېرىكا ئىراندا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بۇ كېلىشىمگە قايتىپ كېلىدۇ دېدى. بايدىن جاكارلىغان زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت خەپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچى نامزاتى جەك سۇللىۋان 1-ئاينىڭ 3-كۈنى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى ھەم بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران بىلەن بولغان كېيىنكى سۆھبەتتە ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران تېھران داشۆسىنىڭ سىياسەتشۇناسلىق پىروفېسسورى سادىق زىباكارام ئىران بايدىن تەختكە چىققاندىن كېيىنكى ئىران-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېھتىياتچان، ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولىدۇ دېدى. لېكىن، ئۇ ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي رىتىمىنى ئۆزگەرتىش ناھايىتى تەس، قانداقلا بولمىسۇن 1979-يىلىدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىشىش 40 نەچچە يىل داۋاملاشتى، بۇ خىل زىددىيەتنىڭ يەنە داۋاملىشىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن دەپ قارىدى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىران نېمە ئۈچۈن قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ قويۇقلۇقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ؟

ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئەلى رابىئى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىران قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ قويۇقلۇقىنى %20 كە كۆتۈرۈشكە باشلىدى دېدى