ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

25-دۇنيا نەم يەر كۈنىدە نەم يەرنىڭ سۇ بايلىقىدىكى مۇھىملىقى تەكىتلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-03 09:57

2-ئاينىڭ 2-كۈنى 25-دۇنيا نەم يەر كۈنى،«نەم يەر ۋە سۇ» بۇ يىلقى نەم يەر كۈنىنىڭ باش تېمىسى بولۇپ، نەم يەرنىڭ سۇ بايلىقىغا بولغان مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەرىكەت قوللىنىپ نەم يەر بايلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نەم يەر يوقۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى. بۇ يىللىق دۇنيا نەم يەر كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە كۆپلىگەن دۆلەتلەر كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، نەم يەرنى قوغداش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى، بەزى دۆلەتلەر نەم يەرنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نەم يەر سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، بۇلغىنىشنى كونترول قىلىش، كىلىماتنى تەڭشەش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغاچقا، «يەر شارىنىڭ بۆرىكى» دەپ تەرىپلىنىپ، ئورمان، دېڭىز-ئوكيان بىلەن بىرلىكتە يەر شارىدىكى ئۈچ چوڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى دەپ ئاتالغان. بۇ يىللىق دۇنيا نەم يەر كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە ھىندىستان، سېرىلانكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، باش تېمىلىق نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نەم يەر بىلىملىرىنى تارقىتىپ، نەم يەرنىڭ يەر شارىدىكى تاتلىق سۇ بايلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە سانىنى ساقلاشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، نەم يەرنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلدى.

بۇ يىل يەنە «بولۇپمۇ سۇ قۇشلىرى تۇرالغۇسى بولغان خەلقئارا مۇھىم نەم يەر ئەھدىنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنى. 1971-يىل 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 18 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز ساھىلى شەھىرى رامساردا نەم يەر ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش بويىچە ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «نەم يەر ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالىدى. ھازىر بۇ ئەھدىنامىنى تۈزۈشكەن تەرەپلەر 170 نەچچىگە يەتتى.

دۇنيا نەم يەر كۈنىنى بېكىتىش 1996-يىلىدىكى «نەم يەر ئەھدىنامىسى» دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا قارار قىلىنغان. 1997-يىلىدىن باشلاپ ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 2-كۈنى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، نەم يەر ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى تەشۋىق قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەتلەر نەم يەرنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ نەم يەرنى قوغداشنى كۈچەيتتى.

جۇڭگو 1992-يىلى «نەم يەر ئەھدىنامىسى» گە قاتناشتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەم يەرنى قوغداش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بەش يىلدا جۇڭگودا يېڭىدىن كۆپەيگەن نەم يەر كۆلىمى 202 مىڭ 600 گېكتارغا، نەم يەرنى قوغداش نىسبىتى %50 تىن كۆپرەككە يەتكەن. 2020-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا جۇڭگونىڭ تۇنجى ۋادا قانۇنى-چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، بۇ قانۇن بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قانۇندا چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداشنىڭ قاتتىق چەكلەش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلۈپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ.

ھىندونېزىيە مول نەم يەر بايلىقىغا ئىگە. ھىندونېزىيە دۆلەت تەرەققىيات پىلان ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا مەخسۇس «نەم يەرنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى» قۇرۇپ، نەم يەرنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە دوكلات قىلىش قاتارلىقلارنى پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ھىندونېزىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

كېنىيەنىڭ بوگورىيە كۆلى پئونكو قۇشنىڭ ماكانى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنياغا داڭلىق، ئەمما يەرلىك ئاھالىلەر ئۇزۇندىن بۇيان بۇ تۇزلۇق كۆلدىكى مول مىكرو جانلىقلار بايلىقىنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەن ئىدى. 2014-يىلى كېنىيە ئىرسىيەت بايلىقىنىڭ مەنپەئەت تەقسىماتىنى بەلگىلەيدىغان « ئېرىشىش ۋە مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ناگويا كېلىشىمنامىسى» نى تەستىقلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىت پىلانلاش مەھكىمىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، كېنىيە ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ دۆلەتنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بوگورىيە كۆلىنىڭ ئاكتىپ تەركىبىنى ئورتاق بېكىتىپ، توقۇلما بۇيۇملارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە بىيولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئورگانىك ماددىلارغا ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى ھەمدە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. نايروبى داشۆسىدىكى تەتقىقاتچىلار ئاكتىپ تەركىبلەر ئىچىدىن خۇرۇم ۋە توقۇلما بۇيۇملارنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئېنزىمنى بېكىتتى،بۇ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئادىل ئابلەت


中央广播电视总台 央广网 版权所有

25-دۇنيا نەم يەر كۈنىدە نەم يەرنىڭ سۇ بايلىقىدىكى مۇھىملىقى تەكىتلىدى

2-ئاينىڭ 2-كۈنى 25-دۇنيا نەم يەر كۈنى،«نەم يەر ۋە سۇ» بۇ يىلقى نەم يەر كۈنىنىڭ باش تېمىسى بولۇپ، نەم يەرنىڭ سۇ