ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىغا سىياسىي تەھدىت سالىدىغان ئويۇنلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا نەسىھەت قىلىمىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-21 17:19

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاتالمىش بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا ئالاقىدار قارار ماقۇللىغانلىقىنى قارىلاپ، جۇڭگو خادىملىرىغا پۇل مۇئامىلە جازاسى قوللىنىمىز دەپ تەھدىت سالدى. ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى زومىگەرلىك ۋە ئارىلىشىش قىلمىشى-خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق بولۇپ، ئۆزىنىڭ شياڭگاڭنى قالايمىقان قىلىش، جۇڭگونىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشتەك رەزىل غەرىزىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، بۇ كىشىنى يىرگەندۈرىدۇ.

ئامېرىكا جازا كالتىكىنى پۇلاڭلىتىپ سىياسىي تەھدىت سېلىشقا ئۇرۇندى، بۇنداق ناچار قىلمىش-شياڭگاڭنىڭ قالايمىقانچىلىقتىن تۈزەشكە ئۆزگەرگەن ياخشى ۋەزىيىتىنى توسۇپ قالالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا «كىشىلىك ھوقۇق»، «دېموكراتىيە»، «ئەركىنلىك» ۋىۋىسكىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، جازا كالتىكىنى ئۈزلۈكسىز پۇلاڭلىتىپ، جۇڭگوغا قارشى تۇرىدىغان، شياڭگاڭنى قالايمىقان قىلىدىغان كۈچلەرگە جان-جەھلى بىلەن يەل بېرىپ ۋە قۇترىتىپ، شياڭگاڭدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خام-خىيالىدا بولدى. لېكىن ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاتالمىش جازالاش باياناتى پەقەت بىر پارچە كېرەكسىز قەغەز، خالاس. جۇڭگو شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنى تۈزۈپ يولغا قويغاندىن بۇيان، شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىللىقى ۋە تەرتىپى قوغدالدى، شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈنۈملۈك قوغدالدى، خەلقئارا جەمئىيەت شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى، تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تېخىمۇ ياخشى كۆزدە قارىدى، چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ شياڭگاڭغا بولغان ئىشەنچىسى ئاشتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا ماقۇللىغان ئالاقىدار قارارىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ-شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغانلىقى، ئەل رايىغا ئۇيغۇن، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكى، بۇنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. بۇ-خەلقئارادىكى بەزى تۆھمەت، يالغان سۆزلەرگە بولغان ئەڭ ياخشى، ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شياڭگاڭنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ قولىدا، سىرتنىڭ ئارىلىشىشى-شياڭگاڭغا زىيانلىق، كىشى قەلبىگە ياقمايدۇ.

شياڭگاڭ-جۇڭگونىڭ شياڭگاڭى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى قانداق لايىھەلەش، قانداق مۇكەممەللەشتۈرۈش-پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈش ھوقۇقى يوق. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يۈزگە يېقىن دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە، جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»نى يولغا قويۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، شياڭگاڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. بۇ-جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ مەسىلىسىدىكى مەيدانى ۋە تەدبىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەت شۇكى، ئامېرىكا ھە دېسىلا باشقا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەققانىي كۈچلەرنىڭ بىردەك قارشى تۇرۇشى ۋە ئەيىبلىشىگە سەۋەبچى بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46-نۆۋەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر تەرەپلىمە مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان سەلبىي تەسىرى ھەققىدىكى ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىنى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنى جازالىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمە جازالىشى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ كەسكىن كۆرسەتتى. ئامېرىكا خەلقئارا ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتكە پىسەنت قىلماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جازا كالتىكىنى پۇلاڭلاتسا، پەقەت ئامېرىكىچە ساختىلىق ۋە زوراۋانلىقنى قايتا-قايتا ئاشكارىلايدۇ، خالاس.

جۇڭگو «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ھەر قانداق تاشقى كۈچنىڭ شياڭگاڭ ئىشلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. ھەر قانداق ئارىلىشىش ۋە قاراپ چاپلاش-جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتى ۋە شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، شياڭگاڭنى قالايمىقانچىلىقتىن تۈزەش ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشتىكى مەزمۇت قەدىمىنى تېخىمۇ توسۇپ قالالمايدۇ. بىر ئېغىز نەسىھەت بىلەن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تەھدىت ئويۇنلىرىنى بالدۇرراق يىغىشتۇرۇۋالغىنى تۈزۈك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىغا سىياسىي تەھدىت سالىدىغان ئويۇنلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا نەسىھەت قىلىمىز

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاتالمىش بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە