ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقارغۇچى ۋە تارقاتقۇچى چوقۇم بەدەل تۆلەيدۇ»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-31 16:13

يېقىندا، ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يالغانچىلىق ۋە ساختا ئۇچۇرنى ئاساس قىلىپ، ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار خادىملار ۋە ئاپپاراتلارنى جازالىغانلىقىغا قارىتا، جۇڭگو دەرھال كەسكىن مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ياۋروپادىن جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن، يامان غەرەزدە يالغانچىلىق ۋە ساختا ئۇچۇر تارقاتقان ئون خادىم ۋە تۆت ئەمەلىي گەۋدىنى، يامان نىيەتتە يالغان گەپ ۋە ساختا ئۇچۇر تارقاتقان ئەنگلىيەنىڭ توققۇز خادىمى ۋە تۆت ئەمەلىي گەۋدىسىنى، ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ۋە ئەمەلىي گەۋدىسىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تەدبىرلىرى زۆرۈر، ئورۇنلۇق ۋە ھەققانىي ئىنكاس بولۇپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق تەكەببۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشقا تولغان ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىگە: يالغان گەپ قىلغۇچىلار ۋە تارقاتقۇچىلار چوقۇم بەدەل تۆلىشى كېرەك، دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقى مۇقىملىق، بىخەتەرلىك، تەرەققىيات، ئىلگىرىلەشتىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ھېكايىلىرىنىڭ بىرى. لېكىن، بۇ پاكىتنى ئېتىراپ قىلىشقا ئۇنىمىغان ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى سىياسەتۋازلار جۇڭگوغا قارشى بەزى سىياسەتۋازلار ۋە ئاتالمىش ئالىملار يامان غەرەزدە ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش «ئىسپات» لارنى كۆرۈپ، گۆھەر تېپىۋالغاندەك بولۇپ، ساختا ئاتالمىش «ئىچكى ھۆججەت»، «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى» ۋە كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا تەقەززا بولدى. جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۇ يەر بۇ يەردىن ئۈزۈۋېلىپ نەقىل كەلتۈرگەن ۋە بۇرمىلاپ ئۆزگەرتكەن ئاتالمىش «نەتىجە» يەرنى خۇشاللىق بىلەن كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ كەتتى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ئەھۋال ئەمەس، كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەس. ئۇلار تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش، جۇڭگونىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزىدە بولدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى. ئۇلار ئىغۋا تارقىتىپ ئالدامچىلىق قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ نام-ئابرۇيى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە تەھدىت سالدى. ئۇلار ھەتتا كۆرەڭلىگەن ھالدا ناچار پىسخىكىسىنى ئاشكارىلىدى. مەسىلەن: ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پوۋېلنىڭ ئىشخانا مۇدىرى، سابىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە شاڭشياۋى لاۋرېنس ۋىلكېرسون ئىلگىرى ئاشكارا ھالدا: «ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى جۇڭگونىڭ مۇقىملىقىنى بۇزماقچى بولدى، بۇنىڭدىكى ئەڭ ياخشى چارە جۇڭگودا داۋالغۇش پەيدا قىلىش. ئاشۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭغا تەسىر يەتكۈزۈپ، تاشقى كۈچكە تايانماي، جۇڭگونى ئىچكى جەھەتتىن بىۋاسىتە ئاغدۇرۇۋېتىش كېرەك دېدى.

شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار ھېكايە توقۇپ، يالغان گەپ قىلسىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئەخمىقانە خام خىيال. ئۇلارنىڭ زومىگەرلىكى جۇڭگودا پۈتۈنلەي ئاقمايدۇ. جۇڭگولۇقلار بۇنى رەت قىلىدۇ! جۇڭگو ئىش تېرىمايدۇ ھەم قورقمايدۇ، ھەرقانداق سىياسىي قاقتى-سوقتى قىلىشنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ، ئادالەت چوقۇم ئەۋج ئېلىشى كېرەك. خۇددى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر باھا بەرگەندەك، جۇڭگونىڭ غەربنىڭ بېسىمىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسى بار.

ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق-«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى» نىڭ مۇھىم پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانى؛ ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرى پاكىتقا پەرۋا قىلماي، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، جازا كالتىكىنى خالىغانچە پۇلاڭلىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. يېقىندا يېپىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا، 80 نەچچە دۆلەت ئورتاق ياكى ئايرىم سۆز قىلىش شەكلى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى توغرا مەيدانىغا مەدەت بەردى ۋە ئۇنى قوللىدى. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ، ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ئويۇنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەرگىز ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىشى جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ئەسلا توسۇپ قالالمايدۇ، تارىخىي تەرەققىيات ئېقىمىنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ؛ ئۇلار ئەگەر داۋاملىق ئۆز بېشىمچىلىق قىلسا، نەتىجىدە ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقى ۋە قەبىھ قىلمىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور بەدەل تۆلەيدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقارغۇچى ۋە تارقاتقۇچى چوقۇم بەدەل تۆلەيدۇ»

يېقىندا، ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يالغانچىلىق ۋە ساختا ئۇچۇرنى ئاساس قىلىپ، ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە