ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەت ئەللەردىكى ئەربابلار بوئاۋ مۇنبىرىنىڭ ئاسىيانىڭ كۈچلۈك ساداسىنى يەتكۈزگەنلىكىگە ئىجابىي باھا بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-23 17:31

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2021-يىللىق يىغىنى 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە خەينەننىڭ بوئاۋدا ئۆتكۈزۈلدى. چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تېخى بېسىقمىغان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، بوئاۋ مۇنبىرى ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم سەھنىسى بىلەن تەمىنلىدى.

ۋىدىيو شەكلى ئارقىلىق بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورجىيېۋا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەر شارى كۆپلىگەن زور ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلمەكتە، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر چېكىنىشتىن ئەسلىگە كېلىشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشى، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشى ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق ۋە ئەۋرىشىملىككە قاراپ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ يىلقى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا «دۇنيانىڭ چوڭ ئۆزگىرىشى» مۇنبەرنىڭ باش تېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپلا قالماي، يەنە «دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئاسىيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەش» ئالتە چوڭ قارالما بۆلىكىنىڭ بىرى قىلىندى.
سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆسى لى گۇاڭياۋ ئاممىۋى سىياسەت شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى گۇ چىڭياڭ مۇنداق دېدى: دۇنيا سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپ، ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى بىرلىكتە تېپىپ چىقىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق.

بوئاۋ مۇنبىرى بۇ يىل «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتقان ئاسىيا ۋە دۇنيا» ماۋزۇلۇق دوكلاتنى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، سەھىيە، ساغلاملىق، ئۇل ئەسلىھە، يېشىل ۋە رەقەمدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تەرەققىيات قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلىشنى تەكىتلىدى ھەم ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى مۇستەھكەملەش، كاربون نېيتراللاشتۇرۇش قاتارلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەسىلىلىرى توغرىسىدا ھەرىكەت تەكلىپى بەردى. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى لى باۋدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ مەقسىتى دۇنيادىكى چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىش يېڭى ئەندىزىسىنى قانداق تېپىپ چىقىش ئۈستىدە ئويلىنىش.

ئاسىيانى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يۇقۇم ئاستىدا، ئاسىيا يەنىلا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېز ئىلگىرى سۈرمەكتە. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، كۆپ تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھاسىل قىلىنىشى دۇنيا سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ئاسىيا كۈچىنى قوشتى.

يۇقۇمنىڭ سىنىقى ئالدىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش تەتۈر ئېشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. بوئاۋ مۇنبىرى ئېلان قىلغان «ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ۋە مۇساپىسى» دوكلاتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2020-يىلى جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مال سودا سوممىسى 2019-يىلىدىكىدىن ئېشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سودا يولى بولۇش رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

مالايشىيا يېڭى ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ۋېڭ شىجيې مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئالدى بىلەن ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىشىدىن ئۈمىد بار.

يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان فىنلاندىيە ئالىمى كارل فېي مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقۇم مەزگىلىدە، «رەقەملىك يىپەك يولى» قۇرۇلۇشى تېز تەرەققىي قىلىپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىدىكى قىيىن ۋەزىيەت زور دەرىجىدە پەسەيتىلدى. «يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى»نىڭ گۈللىنىشى «رەقەملىك يىپەك يولى» نىڭ ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تەجرىبە ۋە تەپەككۇر يولى بىلەن تەمىنلىدى.

ۋېنگىرىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى باۋتاۋى مىخايى مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئېشىشى دۇنيا ئىقتىسادىدا مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رول ئوينىدى.

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، قارالمىلار ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، تەسىر كۈچىمۇ ئاسىيا دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ يىللىق يىغىندا دىققەت ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ۋاكسىنا ئومۇملاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق دۇنياۋى قىزىق نۇقتىلارغا مەركەزلىشىپلا قالماي، كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى، يېشىل تەرەققىيات، قېرىلىشىش قاتارلىق ھالقىلىق خىرىسلارغىمۇ چېتىلىپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ كەلگۈسى پىلانى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتى جارى قىلدۇرۇلدى.

ئامېرىكا كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېۋ مورېنكوۋ مۇنداق دېدى: يۇقۇم سىمسىز تۇتاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈردى، 5Gنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئادەم بىلەن بارلىق مەۋجۇداتنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ياردەم بېرىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ.

فىلىپپىن ئاقىللار ئامبىرى ئاسىيا تىنچ ئوكيان جەمئىيىتى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتچىسى لۇسىئو پىتروۋ مۇنداق دېدى: 20 يىلدىن بۇيان، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئورتاق كېڭىشىپ، رايون خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياخشى سەھنە ھازىرلاپ بەردى. يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ساغلاملىق، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىساد قاتارلىق نۇرغۇن قارالمىلارنى ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭغا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. مۇنبەرنىڭ بۇ يىللىق يىغىنىنى دەل ۋاقتىدا بولدى دېيىشكە بولىدۇ.

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ كېڭەش باشلىقى بان كېمون ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بوئاۋ مۇنبىرى داۋاملىق ئۆزگىرىش ياساپ يېڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرىدۇ. زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالغاندىلا، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق كەلگۈسى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۆتكەن 20 يىلدا شۇنداق بولدى، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ.ئىمىنجان ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەت ئەللەردىكى ئەربابلار بوئاۋ مۇنبىرىنىڭ ئاسىيانىڭ كۈچلۈك ساداسىنى يەتكۈزگەنلىكىگە ئىجابىي باھا بەردى

يۇقۇمنىڭ سىنىقى ئالدىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان