ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 15:57

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا 5-ئاينىڭ 8-كۈنى زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 50 تىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى ئۇرۇش مەيدانىدا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن ئاممىنىڭ يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيەسى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئافغانىستاندىن رەسمىي چېكىنىشكە باشلىغاندىن بۇيان، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلاشتى. ئامېرىكا ئۇرۇش پاتقىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتسىزلىك ئۇسۇلى بىلەن ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈردى، بۇ ئىش كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان ئاقىۋەت دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلدى، لېكىن بۇ سەۋەبلىك ئاپەتكە ئۇچرىغىنى ئافغانىستان ئاممىسى بولدى.

كابۇلدا 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ھۇجۇم بىر مەكتەپتە يۈز بەردى، ئالدى بىلەن بىر ئاپتوموبىل بومبىسى پارتلىتىلدى، ئارقىدىن مەكتەپ ئەتراپىغا كۆمۈلگەن ئىككى ئاددىي پارتلاتقۇچ پارتلىتىلدى. ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تارىق ئەلىئان 5-ئانىڭ 9-كۈنى: قازا قىلغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن، دېدى. نۆۋەتتە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس بۇ ھۇجۇمنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتمىدى.

نۆۋەتتە، ئافغانىستاننىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلىشىپ، تۈرلۈك ھۇجۇملار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيەسى چېكىنىشتىن بۇرۇن، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكۈمەت نىشانلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئەمەلدارلار، ھەربىي ساقچىلار قاتارلىقلار ئىدى. ئەسكەر چېكىندۈرۈش باشلانغاندىن كېيىن، پۇقرالار ۋە خەلق ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇم كۆپىيىشكە باشلىدى، قازا قىلغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى. كابۇل شەھىرىدىلا، يېقىندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملار كۆپ قېتىم يۈز بەردى، مەسىلەن كابۇلنىڭ شىمالىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە ماي توشۇش ئاپتوموبىلىنى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، توققۇز ئادەم قازا قىلدى، ئاز دېگەندىمۇ 14 ئادەم يارىلاندى. بۇ شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئىككى يۇقىرى بېسىملىق توك مۇنارى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە پارتلىتىلىپ، كابۇلنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا توك توختاپ قالدى. ئامېرىكا «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئافغانىستاندا جەمئىي 44 پۇقرا ھۇجۇمدا قازا قىلغان بولۇپ، بۇلتۇر 10-ئايدىن بۇيان قازا قىلغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر ھەپتە ئىكەن.

لەنجۇ داشۆسى ئافغانىستان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇ يۇڭبياۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش مۇساپىسى ئافغانىستاندىكى قالايمىقانچىلىقنى كۈچەيتىۋەتتى، ئەسەبىي تېررورچى كۈچلەر بۇنىڭدىن ئومۇميۈزلۈك ئىلھام ئالدى، تۈرلۈك سىياسىي كۈچلەرنىڭ سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش غەرىزى يەنىمۇ كۈچەيدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تالىبان يېقىندا ئۇرۇش مەيدانىدا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، غەزىنى ئۆلكىسى، ۋارداك ئۆلكىسى، باغران ئۆلكىسى ۋە ھىلماند ئۆلكىسى قاتارلىق جايلاردا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قوزغاپ، بەزى رايونلارنى ئىگىلىدى. ئافغانىستاننىڭ مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياسىن زىيا 5-ئاينىڭ 8-كۈنى تالىباننىڭ ئۆتكەن بىر ھەپتىدە ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، ئافغانىستاننىڭ ئاز دېگەندە ئالتە ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جايلارنى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇ: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تالىباننىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، بۇ رايونلارنى قايتىدىن تارتىۋالدى دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۆتكەن بىر ھەپتىدە كۆپلىگەن ئۆلكىلەردە تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى، لېكىن ئۇ ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ يارىلىنىش ۋە قازا قىلىش سانى بىلەن تەمىنلىمىدى.

تالىبانمۇ يېقىندا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ نەچچە يۈز ئەسكىرىنىڭ تالىبانغا تەسلىم بولغانلىقىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېلان قىلغان تالىباننىڭ ئۆلۈم-يېتىم سانىنى ئىنكار قىلدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا بۇندىن ئىلگىرى تالىبان بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، گەرچە شۇ چاغدا تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسىمدا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەقىقىي ھەل قىلالمىدى. ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشى ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، توقۇنۇشنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

گەرچە ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز يامانلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە تەييارلىق قىلمىغاندەك قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن 5-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا: ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلماقتا دېدى. جۇ يۇڭبياۋ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: گەرچە تۈرلۈك ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش كەسكىنلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە بۇ خىل كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىدىكى ھۇجۇم ۋە توقۇنۇش ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن 4-ئايدا بۇ يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن بۇرۇن ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ئافغانىستاندىن شەرتسىز چېكىندۈرۈش نىشانىنى جاكارلىدى، بۇ تەدبىر ئامېرىكىدا نۇرغۇن تالاش-تارتىش ۋە مۇنازىرە قوزغىدى. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قارار ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدە يەنىمۇ داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ، تېررورلۇقنىڭ ئەۋج ئېلىشى قاتارلىق كۆپ خىل خەۋپ-خەتەرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئامېرىكا برۇكىنس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مايكول ئوخانلون ئوچۇق قىلىپ: ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش بايدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيانقى دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ئەڭ ناچار قارار دېدى.

ئافغانىستاننىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى نەزىرى پەرىيانى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: تېررورچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك قوراللىق ئۇنسۇرلار ئافغانىستاندا يەنىلا ئىنتايىن جانلانماقتا، ئامېرىكىنىڭ بۇنداق ئەھۋالدا ئەسكەر چېكىندۈرۈشى ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك. تالىباننىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە كابۇلدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن چېكىنىشىدىن كېلىپ چىققان يامان ئاقىۋەت.
ئافغانىستان سۈبھى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا يېقىندا ھىلماند ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا نۇرغۇن ئاھالىلەر يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان. غەزنى ئۆلكىسىدىكى يەرلىك ئاھالە ئابدۇل مانان مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت بىلەن تالىباننىڭ ئۇرۇشى زور دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتتى، ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايوندىكى نۇرغۇن ئائىلىلەر قورشاۋدا قالدى.

پەرىيانى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئافغانىستان خەلقى، ئۇلار يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئاپەت خاراكتېرلىك توقۇنۇشقا دۇچ كېلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا 5-ئاينىڭ 8-كۈنى زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 50 تىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى،