ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دەرىجىدىن تاشقىرى زور كۆلەملىك ئىستېمال بازىرى پۈتۈن دۇنيا ھەمبەھىرلىنىدىغان پۇرسەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 16:49

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگونىڭ خەينەندە يېپىلدى. تۆت كۈن جەريانىدا، 70 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1505 كارخانا، 2628 داڭلىق ماركا كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، 240 مىڭ ئادەم (قېتىم) كىشىنى جەلپ قىلدى--ئىستېمال كۆرگەزمىسى ئىسمى جىسمىغا لايىق دۇنياۋى ئىستېمال كاتتا مەرىكىسىگە ئايلاندى.

خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى، گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى، مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىدىن كېيىن، ئىستېمال كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش-جۇڭگونىڭ دۆلەت دەرىجىلىك سودا يەرمەنكە سىستېمىسىغا يەنە بىر يېڭى مەزمۇن قوشتى. باشقا كۆرگەزمىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىستېمال بۇيۇملىرىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، مۇھىم نۇقتا ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتىلغان.

نېمە ئۈچۈن ئىستېمال بۇيۇملىرى ئۈچۈن ئايرىم كۆرگەزمە ئېچىلىدۇ؟

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تۈرتكىلىك رولى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 2020-يىلى يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىلا %54.3كە يەتتى. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس، 400 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرھال كىرىملىك كىشىلەر توپى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 10 مىڭ دوللاردىن ئېشىشى.....مانا بۇ سانلار ئەسلىدىنلا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال كۆرگەزمىسى جۇڭگولۇقلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بەرپا قىلغان يېڭى سۇپا، شۇنداقلا بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىدۇ.

ئىستىقبالدىن قارىغاندا، جۇڭگو بازىرىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۈزلىنىشى بارغانسېرى روشەنلەشتى. مورگان سىتانلى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى ئون يىلدا جۇڭگو ئاھالىلىرى ئىستېمالىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %7.9 كە يېتىدىكەن، بۇ «دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە» ئىكەن. پۇقرالارنىڭ كىرىمى ئاشقاندىن كېيىن، ئىستېمال ئېھتىياجى تەبىئىيلا ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتى، دەرىجىسى ئۆستى. بۇ نۇقتا تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە روشەن گەۋدىلەندى.

دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن كەلگەن سودىگەرلەر جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن يېڭى، ئاجايىپ، ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ كەلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە ئېلان قىلىنغان پۈتۈن دۇنيادىكى يېڭى مەھسۇلات سانى 550 تىن ئاشقان. زاكاز قىلىش مۇلازىمىتىمۇ يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان. ئالايلۇق، شىۋېيتسارىيەنىڭ سىۋوچى ماركىلىق قول سائىتى كارخانىسى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە ياسىيالايدىغان خاسلىققا ئىگە قول سائىتى زاكاز قىلىش مۇلازىمىتىنى ئېلىپ كېلىپ، نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىپ، كۆرگەزمىدىكى تور چولپىنىغا ئايلاندى. كەسپىي ئەربابلار مۇنداق دېدى: ھەر قايسى چوڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى داڭلىق ماركا تىجارىتى ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى قانداق تەشۋىق قىلىشنى ئويلىشىشتىن، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئويلىشىشقا ئۆزگەردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەستايىدىل تەتقىق قىلدى، ئۇلار سىزنىڭ قىزىقىشىڭىز ۋە ئالاھىدىلىكىڭىزنى سىزدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىشى مۇمكىن.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان 2628 داڭلىق ماركا ئىچىدە، خەلقئارا داڭلىق ماركىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %51.9كە يەتكەن. دۇنيادىكى ئىستېمال بۇيۇملىرى كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز پايدا ياراتماقتا.

ئالدىنقى ئاي ۋال كوچىسى پەسىللىك مالىيە گېزىتىنى كۆپ ئېلان قىلىدىغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭگو بازىرىنىڭ ئىپادىسى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى. ئالما شىركىتىنىڭ مالىيە گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا، جۇڭگو شياڭگاڭ ۋە جۇڭگو تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك جۇڭخۇا رايونىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %87 ئاشقان. ستارباكس: بۇ يىل 1-پەسىلدە جۇڭگو بازىرىدىكى يەككە دۇكانلارنىڭ سېتىش سوممىسى %91 ئاشتى، دېدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو ستارباكسنىڭ يەر شارىدىكى ئىككىنچى چوڭ بازىرى بولۇپ، جۇڭگودا 5000 دۇكىنى بار. بۇ شىركەت 2022-يىلى 10-ئايغىچە جۇڭگودا يېڭىدىن يەنە 1000 دۇكان ئېچىشنى پىلانلىدى.

تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭگو ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ تولۇق قويۇپ بېرىش ئۈچۈن، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن جاي خەينەن دەل جۇڭگو پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلغان خەلقئارا سودا پورتى. جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى چېن ۋېنلىڭ مۇنداق دېدى: 2025-يىلىغىچە خەينەندە پۈتۈن ئارال بويىچە تاموژنا تاقالغاندىن كېيىن، خەينەن سودا پورتىنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ۋە ساياھەت پارچە سېتىش كەسپى ئەڭ گۈللەنگەن جايغا ئايلىنىپ، «پۈتۈن دۇنيادىن سېتىۋېلىش، پۈتۈن دۇنياغا سېتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىن ئۈمىد بار.

ئېنىقكى، ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدىكى ئاۋاتلىق 80 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق كۆرگەزمە مەيدانىدا ئىپادىلىنىپلا قالماي، كۆرگەزمە سىرتىدا تېخىمۇ ئىپادىلەندى. جۇڭگو بازىرى يەر شارىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرى كارخانىلىرى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان مەبلەغ سېلىش بازىرىغا ئايلاندى.

تۇنجى نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى يېپىلغان كۈنى، لورېئال، پاركېر، دېلويتتې قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 42 كارخانا تۇنجى بولۇپ توختام ئىمزالاپ، 2-نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە داۋاملىق قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىسى ئېنىقكى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇستىن شەكىللەنگەن بۇ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ بازار پۈتۈن دۇنيا تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان پۇرسەتتۇر.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دەرىجىدىن تاشقىرى زور كۆلەملىك ئىستېمال بازىرى پۈتۈن دۇنيا ھەمبەھىرلىنىدىغان پۇرسەت

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگونىڭ خەينەندە يېپىلدى.