ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نوپۇس پايدىسى يەنىلا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئاساسىغا تىرەك بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 17:21

5-ئاينىڭ 11-كۈنى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ نەتىجىسى چىقتى.

شۇ كۈنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. 2020-يىلى جۇڭگونىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليارد 410 مىليونغا يېتىپ، دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %18 نى ئىگىلەپ، يەنىلا دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ نوپۇس پايدىسى ئىختىساسلىقلار پايدىسىغا قاراپ تېز سۈرئەتتە بۇرۇلۇش ياساۋېتىپتۇ. بۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيدۇ.

غەرب جامائەتچىلىكى جۇڭگو نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى توغرىسىدا كۆپلىگەن قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ۋە مۇھاكىمە قىلماقتا. جۇڭگو تۆۋەن تۇغۇت نىسبىتى ۋە ياشانغانلار كۆپىيىشتىن ئىبارەت قوش خىرىسقا دۇچ كەلدى، جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ئېشىش بوشلۇقىنى چەكلەپ قويۇشى مۇمكىن دېگەن كۆز قاراش بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە كۆز قاراش. ئەڭ يېڭى نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن قارايدىغان بولساق ئەمەلىي ئەھۋال ئۇنچە ناچار ئەمەس.

ئۆتكەن 10 يىلدا جۇڭگو نوپۇسىدىن يەنە 72 مىليون 60 مىڭى كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە 0 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ نوپۇسىدىن يەنە 30 مىليون 920 مىڭى كۆپەيدى. ھازىر جۇڭگونىڭ 16 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسى 880 مىليونغا يەتتى، ئەمگەك كۈچىگە ئىگە نوپۇس بايلىقى يەنىلا خېلى تولۇق؛ نوپۇسنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 38.8 ياش بولۇپ، ئامېرىكىنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.

جۇڭگو نوپۇس پايدىسىدىن يەنىلا بەھرىمەن بولامدۇ-يوق؟بەھرىمەن بولىدۇ، گەرچە تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگودا «نوپۇس چوققا قىممىتى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. جۇڭگو «نوپۇس كىرىزىسى»گە دۇچ كەلدى دېگەن سەپسەتە كىشىنى تېخىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ.

بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈش يەنە جۇڭگونىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىشىنىڭ ئىجابىي ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئالايلۇق، ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس ئىچىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مائارىپ سەۋىيەسىدىكى نوپۇس 385 مىليونغا يېتىپ، %43.79 نى ئىگىلەپ، 2010-يىلىدىكىدىن 12.8 پوئېنت ئاشتى. ئۆتكەن ئون يىلدا جۇڭگونىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇستىن 236 مىليونى كۆپەيدى؛ جۇڭگودىكى كۆچمە نوپۇس 376 مىليونغا يېتىپ، ئون يىل ئىچىدە %70 كە يېقىن كۆپىيىپ، نوپۇس چاڭجياڭ دەرياسى بويى، دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە ئاساسلىق شەھەرلەر توپىغا داۋاملىق توپلاندى.

بۇنىڭدىن يۇقىرىقى نوپۇستىكى ئۆزگىرىش جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ ئۈزلۈكسىز بۇرۇلۇش ياسىشىدىن ئىبارەت تارىخى مۇساپىسى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى بايقاش تەس ئەمەس. نوپۇس پايدىسىنىڭ ئىختىساسلىقلار پايدىسىغا ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ نوپۇس بايلىقى ئەۋزەللىكىنىڭ داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلۇشىدىن ئۈمىد بار.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى جۇڭگونىڭ نوپۇس ۋەزىيىتىدە كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بەزى خىرىسلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ئالايلۇق، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ئومۇمىي تۇغۇت نىسبىتى 1.3 بولۇپ، بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ؛ 60 ياش ۋە 60 ياشتىن يۇقىرى نوپۇس 260 مىليوندىن ئېشىپ، ئومۇمىي نوپۇس كۆلىمىنىڭ %18.70 نى ئىگىلىدى، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش دەرىجىسى يەنىمۇ ئاشتى.

جۇڭگونىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى كۆزىتىش دۇنيانىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىن ئايرىلمايدۇ. مەيلى نوپۇسنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بولسۇن ياكى نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىنىڭ تېزلىشىشى بولسۇن، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھەممىسى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق تېما. جۇڭگو جەمئىيىتى ھازىر ئالاقىدار مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە پىسخىكىلىق تەييارلىق ۋە سىياسىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئالايلۇق، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا قارىتا جۇڭگو ياشانغانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياشانغانلار مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 60-69 ياشقىچە بولغان تۆۋەن ياشتىكى ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى يار بەرسە، رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىۋاتىدۇ.

ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا جۇڭگو ياراتقان ئىقتىسادىي مۆجىزە سىياسەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىدىن، شۇنداقلا نوپۇس پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇۋېتىلگەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھازىر جۇڭگونىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، مەيلى مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش ياكى ئېھتىياجنى قويۇپ بېرىشتە بولسۇن، زور نوپۇس كۆلىمى ۋە ئۈزلۈكسىز ئەلالاشقان ئەمگەك كۈچى ساپاسى يەنىلا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. بۇ دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ بىر خوش خەۋەر.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نوپۇس پايدىسى يەنىلا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئاساسىغا تىرەك بولدى

5-ئاينىڭ 11-كۈنى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ نەتىجىسى چىقتى.