ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى شىنجاڭغا زىيارەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-13 17:51

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، «جۇڭگونى چۈشىنىش-جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى شىنجاڭدا زىيارەت» پائالىيىتىگە قاتناشقان مۇخبىرلار شۇ جايدىكى نۇرغۇن كارخانىلارنى زىيارەت قىلدى.

مۇخبىرلار 5-ئاينىڭ 10-كۈنى خوتەن ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ «كوئىنلۇن» بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كەلدى. بۇ شىركەتنىڭ كۆلىمى 500 مو بولۇپ، جەمئىي بەش ئىشلەپچىقىرىش سېخى، مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى موگۇ، موگۇ قىيامى، بىيو ئورگانىك ئوغۇت قاتارلىقلار بار.

سېختا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى لى رۈيچىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باغۋەنچىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان، بۇ جاينىڭ كىلىماتى، سۇ-تۇپراق شارائىتى موگۇ ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ، ھەر يىلى پۇتاپ ئېلىنغان مېۋىلىك دەرەخ شاخلىرىنى موگۇ ئىشلەپچىقىرىشتىكى ماتېرىيالغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇلتۇر بۇ شىركەت 1500 موگۇ ئۆستۈرۈش پارنىكى ياساپ ئىشقا كىرىشتۈردى، بۇ پارنىكتا يىلىغا 100 مىليون تال موگۇ زەمبۇرۇغ تاياقچىسى، 50 مىليون بوتۇلكا موگۇ قىيامى، 200 مىڭ توننا ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.

مۇخبىرلار موگۇ پارنىكىغا كىردى. بىر نەچچە ئىشچى موگۇنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە موگۇ زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتاتتى، يېڭى موگۇلارنى ئۈزۈۋاتاتتى. لى رۈيچىن بىر تال موگۇنى ئېلىپ مۇخبىرنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپ:بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان موگۇلارنى خام يېگىلى بولىدۇ، دېدى. كۇبا لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى لو شۇەي بىر تەرەپتىن تېتىغاچ، بىر تەرەپتىن بېشىنى لىڭشىتىپ: تەمى ياخشى ئىكەن، دېدى. رۇسىيە مەملىكەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ مۇخبىرى ئالېكساندىر يېڭى موگۇنىڭ ئالاھىدە كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئالدى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ تېتىپ كۆرگەن كۆرۈنۈشلىرىنى خاتىرىلىدى.

22 ياشلىق يىگىت پەرھات ياسىن موگۇلارنى ئەپچىللىك بىلەن ئۈزۈۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئۆيۈم يېقىن ئەتراپتا، زاۋۇتقا تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر كېلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىركەتكە كېلىپ ئىشلىدىم، ھازىر ئايدا 3700 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىۋاتىمەن.

مۇخبىر: بۇ خىزمەت تۇرمۇشىڭىزغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ دەپ سورىغاندا، پەرھات ياسىن مۇنداق جاۋاب بەردى: تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلاندى! مەن ئۆيگە توڭلاتقۇ، موتوسىكلىت سېتىۋالدىم، يەنە ئاتا-ئانامغا دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان تىراكتوردىن بىرنى ئېلىپ بەردىم.

مۇخبىرلار 5-ئاينىڭ 11-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرى تۆۋەن ئوغۇساق كەنتىدىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتىغا باردى. بۇ كىچىك تىپتىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتى دېھقانلارنى ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ھەم يېقىن ئەتراپتا ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. سېختا 30 ئىشچى قاتار-قاتار كىيىم تىكىش ماشىنىلىرىنىڭ ئالدىدا پىششىق مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى.

گوللاندىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇخبىرى دېڭداس كىيىم ـ كېچەك زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى ئايتۇرسۇن ئوسماندىن: بەزىلەر شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت دەيدۇ، سىز بۇنداق قاراشقا قانداق قارايسىز؟ دەپ سورىغاندا ئايتۇرسۇن ئوسمان مۇنداق جاۋاب بەردى: بۇ گەپلەر پۈتۈنلەي يالغان. 2018-يىلى زاۋۇت ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن باشلاپ، بىزنىڭ كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىدى. ئەگەر مەجبۇرلانغان بولسا، ئۇلارنىڭ يەردە بۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ سىلەر ئىشچىلار بىلەن ياخشى پاراڭلىشىپ، بىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىمىزنى چۈشىنىپ باقساڭلار بولىدۇ.

كۇبا لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئىرامسى بىر ئايال ئىشچىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى سورىدى. بۇ ئايال ئىشچىنىڭ ئىسمى تۇرقىز بولۇپ، بۇ يىل 33 ياشتا، ئايلىق مائاشى 2000 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى. يولدىشى ئۇششاق تىجارەت قىلىپ، بىر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى ئادەتتىكى بىر يېزا ئايالى ئىدىم، ھازىر كەسپىي ماھارىتىم ئۆستى، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىمۇ ياخشىلاندى، ئۈچ بالامغا تېخىمۇ كۆپ چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلىپ بېرەلەيدىغان بولدۇم.
12-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇخبىرلار قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسى كوچابېشى كەنتىدىكى مەمەتتۇرسۇن مەخسۇتنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كەلدى.

مەمەتتۇرسۇن مەخسۇت ئىشنى 20 يىل بۇرۇن كىچىك چايخانا ئېچىشتىن باشلىغان ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە سەھرا ئارامگاھى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

شىۋېيتسارىيە «يېڭى ئىسيۇرىخ گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى مىللېر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە كۈنلۈك زىيارەت ئارقىلىق، مەن بۇ جاينىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ھېس قىلدىم، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقى ھەممىگە ئايان. بۇ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ سىجىللىقى ئىنتايىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى شىنجاڭغا زىيارەت

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، «جۇڭگونى چۈشىنىش-جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى شىنجاڭدا زىيارەت» پائالىيىتىگە