ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغدايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-19 10:28

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دۆلەتنى بىخەتەر، خەلقنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپ. باش شۇجى شى جىنپىڭ: 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئاھالىنىڭ قورساق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىشى، دەپ كۆرسەتتى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۆزىنى ئاساس قىلىش، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىش، پەن-تېخنىكىنى تىرەك قىلىش» تىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئەھۋالىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپلا قالماستىن، يەنە ھاللىق سەۋىيەگە ئومۇميۈزلۈك يېتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

جىلىن ئۆلكىسى لىشۇ ناھىيەسى جۈفېڭ تېرىقچىلىق دېھقانلار كوپىراتىپىنىڭ ئاققوناق ئۇرۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى شاۋ لياڭلياڭ ئەزالارنى باشلاپ بىر تەرەپتىن ئوغۇت چېچىپ، بىر تەرەپتىن ئوت ئوتاۋاتاتتى. ئۇ بازىدا بۇلتۇر كۆممىقوناق تېرىغان ئىدۇق، كېلەر يىلى كۆكچېچەك سەي تېرىيمىز. «نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش» ئارقىلىق، تۇپراقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىدىن تەكشى پايدىلىنىش، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەھسۇلاتنى، كىرىمنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شاۋ لياڭلياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىغاندىن كېيىن، ئىككىنچى يىلى كۆممىقوناق تېرىغاندا مەھسۇلات مىقدارى، سۈپىتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. ئاشلىق مەھسۇلاتىنى 1000 جىڭدىن كۆپرەك ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
2020-يىلى ئېلىمىزنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1 تىرىليون 339 مىليارد جىڭغا يېتىپ، ئۇدا ئالتە يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جايلار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنى 291 مىليارد 600 مىليون جىڭغا يەتكۈزۈپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ كىشى بېشى ئاشلىق مىقدارى 470 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، ئوتتۇرىچە 400 كىلوگىراملىق خەلقئارا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى.

ئاشلىق مەھسۇلاتى ۋە كىرىم ئېشىپ دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئامبىرى تېخىمۇ تولدى، شۇنداقلا ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقانلارنىڭ ھەميانى تېخىمۇ تومپايدى. شەندۇڭ ئۆلكىسى چىخې ناھىيەسىدىكى ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقان لى چاۋگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1300 مو يەردىكى بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئالدىم، بۇغداينىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى يۇقىرى بولدى. بۇلتۇر بۇغداينىڭ بىر قادىقىنىڭ باھاسى بىر يۈەن بىر مو بەش پۇڭ ئىدى، بۇ يىل بىر يۈەن ئىككى مو بەش پۇڭ بولدى. بۇ يىل 140 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايمەن.

ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ھەم تېرىلغۇ يەرگە، ھەم تېخنىكىغا تايىنىش كېرەك. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىز 800 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جايلار يەنە تۈرلۈك تولۇقلىما بېرىش سىياسەتلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلدى.

7-ئاي كىرگەندىن بۇيان، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى يازلىق ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشى باسقۇچىغا ئومۇميۈزلۈك كىردى. چىچىخار شەھىرى گەننەن ناھىيەسى شىڭشىسى كەنتىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتى ۋە ئېتىزلىقتىكى رەقەملەشكەن تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئارقىلىق، ئوندەك ئادەم بىلەنلا كەنتتىكى بارلىق تېرىلغۇ يەرنىڭ مەشغۇلاتى تاماملاندى. شىڭشىسى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ شۇخەي مۇنداق دېدى: ئېتىزلىقلاردا بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان نازارەت قىلىش سىستېمىسى بار بولۇپ، سۇ تېمپېراتۇرىسى، شورلۇق دەرىجىسى، PH قىممىتى، جۈملىدىن كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنى كۆزىتىدۇ.

خېنەن ئۆلكىسىدىكى كۆكتات ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ ناھىيە فۇگۇ ناھىيەسىدە كۆكتات تېرىقچىلىقى زىيانسىز، يېشىل، ئورگانىك ئىشلەپچىقىرىشقا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيەدە زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى گۇۋاھلىقىغا ئېرىشكەن بازىنىڭ كۆلىمى 130 مىڭ موغا يەتتى. فۇگۇ ناھىيەسىدىكى كۆكتات تېرىيدىغان دېھقان ليۇ چېنياڭ مۇنداق دېدى: كۆكتات كەسپى باغچىمىزدا بىيولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىسى ئارقىلىق ھاشاراتتىن ساقلىنىش تورى، ھاشارات چاپلىقى، ھاشارات ئۆلتۈرۈش چىرىغى قاتارلىق فىزىكىلىق كېسەللىك ۋە ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كۆكتاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدۇق.

پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى تويغۇدەك غىزالىنىپلا قالماي، يەنە ياخشى غىزالىنىش، ساغلام ئوزۇقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، بۇنداق ھاللىق سەۋىيەنىڭ ئاساسى تېخىمۇ پۇختا بولىدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جايلار ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ئۇدا ئالتە يىل %97 تىن يۇقىرى بولدى.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ شيۇجۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ يۇقىرى يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتا ھەم سانىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەم كۆپ خىللىققا، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېشىل، ئورگانىك، جۇغراپىيەلىك بەلگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش، لاياقەتلىك بولۇش گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ سورتنى ياخشىلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كوزىر مەھسۇلات يارىتىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مۇساپىلىك ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغدايلى

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دۆلەتنى بىخەتەر، خەلقنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپ