ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاسان ئەمەس

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-21 09:56

 7-ئاينىڭ 10-كۈنى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى شىركەت ھالقىپ باج تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك كېلىشىم ئۈستىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەمدە قاتناشمىغان دۆلەتلەرنى بۇ كېلىشىمگە قاتنىشىشقا دەۋەت قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان خەلقئارا باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى رامكا كېلىشىمى %15لىك ئەڭ تۆۋەن كارخانا باج نىسبىتى تەسىس قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تەخمىنەن 130 دۆلەت قاتناشقان ئىدى. بۇ ئىسلاھات دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ پايدىنى باجدىن قېچىپ باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەش قىلمىشلىرىنى توسۇشقا ئۈمىد تۇغدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چۆرىدىگەن ھالدا پەيدا بولغان تالاش-تارتىشلار يەنىلا داۋاملىق كۈچەيمەكتە.
  6-ئاينىڭ 30-كۈنى 130 دۆلەت پارىژدا ئېچىلغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى يىغىنىدا، يەر شارى بويىچە ئەڭ تۆۋەن كارخانا باج نىسبىتىگە قارىتا %15 لىك ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم ئۈستىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.

بەزى دۆلەتلەر خەلقئارا باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى قارشى ئالدى. فىرانسىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى لېمېر يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: دۇنيادا شىركەتلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن باج نىسبىتىنى بېكىتىپ، ئەڭ تۆۋەن باج نىسبىتى تالاش-تارتىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك، كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ مەسىلە ھەل بولماي كەلدى. دۇنيا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %85 تىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەتلەر رەقەملىك ماگناتلاردىن ئادىل باج ئېلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

چىڭداۋ داشۆسى بايلىق باشقۇرۇش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى يى شيەنروڭ مۇنداق دېدى: خەلقئارا باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى دۇنيادىكى كارخانىلارنىڭ بېجىنى بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە بىرلىككە كەلتۈردى، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق. 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمدىن كېيىن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە يول ئېچىشقا ئۈمىد تۇغدۇردى. %15 بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئەڭ تۆۋەن باج ئۆلچىمى، بۇ كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكىمۇ پايدىلىق.

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بېكىتىلگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، كان ئېچىش، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كەسپىدىكى شىركەتلەر بۇ باج ئىسلاھاتى بەلگىلىمىلىرىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلىدۇ. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ماتىئاس كېمان: خەلقئارا باج ئىسلاھاتى رامكا كېلىشىمى «چوڭ تىپتىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ جايلاردا ئادىل ئۈلۈشتە باج تاپشۇرۇشى»غا كاپالەتلىك قىلىدۇ، دېدى. ئەنگلىيەنىڭ مالىيە ۋەزىرى رىخ سۇنناك: بۇ كېلىشىم دۆلەت ھالقىغان پەن تېخنىكا ماگناتلىرىنىڭ توغرا باج تاپشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، دېدى.

ئامېرىكا دۇنيا باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن ئىلگىرى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى شەكىلسىز كىرىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باج نىسبىتىنى %21 كە ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. بىراق بۇ يىل 5-ئايدا بايدىن ئۆزى قاراپ چىققان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ باج نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە مۇرەسسە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ باج نىسبىتىنى %21 تىن %15 كە تۆۋەنلىتىشنى يوققا چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر قىسىم تەھلىلدە، بۇ قېتىمقى خەلقئارا باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كارخانا باج نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى قانۇن چىقىرىش نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسىتىلدى.

يى شەنروڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا خەلقئارا باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن مۇھىم مەنپەئەتلەنگۈچى. ئامېرىكا كارخانىلار بېجىنىڭ خەلقئارا ئوتتۇرىچە باج سەۋىيەسىدىن بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشىنى نەزەردە تۇتۇپ، يەر شارىدا باج نىسبىتى ئۆلچىمىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ يەرلىك كارخانىلارنىڭ باجدىن چەتنەش قىلمىشىنى ئازايتىپ، مەبلەغنىڭ ئالاھىدە دۆلەتكە ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بىر باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا يەر شارىدىكى كارخانىلارنىڭ باج رىقابىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلدى ھەمدە بۇ نۇقتىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. لېكىن بۇ ئورتاق تونۇش ئومۇميۈزلۈك ئەمەس. ئەنگلىيەدىكى «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىياسىي بېسىم تۈپەيلىدىن، شىۋېيتسارىيە ۋە باخامانى ئۆز ئىچىگە ئالغان باجدىن قېچىش جەننىتى دۆلەتلىرى خەلقئارا باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى كېلىشىمى ئىمزالىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىرېلاندىيە، ئېستونىيە ۋە ۋېنگىرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەر يەنىلا كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى يېلېن بۇ قارشى تۇرغۇچىلارغا قارىتا، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئىرېلاندىيە ۋە ۋېنگىرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارشى تۇرغۇچىلارغا بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلغۇزۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن كېلىشىمنىڭ ئىلگىرىلىشىدە ئۇلارنىڭ قوشۇلۇشى ھاجەتسىز، ھەر بىر دۆلەتنىڭ قاتنىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق، دېدى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاسان ئەمەس