ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپلىگەن دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇستىنمۇ ئەجەللىكى «سىياسىي ۋىرۇس»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-08-06 10:33

ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئاز ساندىكى سىياسەتۋازلارنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش قىلمىشىغا قارىتا، پاكىستان، رۇسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا بەس-بەستە مۇنداق دېدى: مەنبەنى تەكشۈرۈش كەسكىن ئىلمىي مەسىلە، مەنبەنى تەكشۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇش مەسئۇلىيەتنى جۇڭگوغا ئارتىپ قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ۋىرۇستىنمۇ ئەجەللىك.

كۆپلىگەن ئالىملار ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئىنتايىن كەسكىن ئىلمىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە «تەجرىبىخانىدىن تارقىلىش سەپسەتىسى»نىڭ دەلىل-ئىسپاتى كەمچىل بولۇپ، بۇ سىياسىي مەشغۇلاتنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىدى.

ئۇكرائىنا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى فىزىيولوگىيە تەتقىقاتخانىسى پاتولوگىيە-فىزىيولوگىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پاتولوگىيە فىزىيولوگى ۋە ئىرسىيەتشۇناسى ۋېكتور دوسېنكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى بەزى مەسىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىقلاندى، ۋىرۇس تەبىئىي پەيدا بولغان، سۈنئىي پەيدا بولغان ئەمەس. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدىكى بىرلەشمە تەتقىقات يەكۈنىگە قارىماي، كۆپ قېتىم سىياسىي بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە كاشىلا قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاۋسترالىيە ئىممۇنولوگىيە ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى دېۋيېر مۇنداق دېدى: ۋىرۇس «تەجرىبىخانىدىن تاقالغان» دېگەن قاراشنىڭ دەلىل-ئىسپاتى كەمچىل، «تەجرىبىخانىدىن تارقىلىش سەپسەتىسى» بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي سۆزلىرىگە ماسلاشتى، ھەتتا ئايرىم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ تارقىلىشىدا غەرەزلىك ئامىللار بار.

كۆپ دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ مەنبەنى تەكشۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشى مەسئۇلىيەتنى جۇڭگو ئارتىپ، جۇڭگونى چەكلەپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى شىللېر تەتقىقاتخانىسىنىڭ رەئىسى سېپ لارۇش يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاتالمىش «جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنى ياسىدى» دېگەن بۇ خىل يامان نىيەتتە ھاقارەتلەش غەربنىڭ جۇڭگونى بېسىشىدىكى ئىزچىل ئۇسۇلى، ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى يەر شارى مىقياسىدا بىرلا ۋاقىتتا قانات يايدۇرۇش، دىققەتنى جۇڭگوغىلا مەركەزلەشتۈرۈۋالماسلىق كېرەك.

ئەرمېنىيە سىياسىي ئىقتىساد ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بېنيامىن بوگوشياڭ يېقىندا ئەرمېنىيەدىكى ئاساسلىق تاراتقۇ تور بېكىتىدە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىدا: تەجرىبىخانىدىن تارقىلىش ئىنتايىن مۇمكىن ئەمەس،دەپ قارالدى، بەزى غەرب كۈچلىرى جۇڭگونى يەنە بىر قېتىم ئاساسسىز ئەيىبلىدى، جۇڭگوغا قارىتىلغان بۇنداق قارا چاپلاش ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى چەكلەش قىلمىشى.

ئامېرىكا كولومبىيە داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېفرىي ساكىس دۇنيا گېزىتچىلىكى سىندىكات تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسى جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەسىلە ئەمەس، بۇنى مەسئۇلىيەتنى جۇڭگوغا ئارتىپ قويۇشقا، ئامېرىكىنى ئاقلاشقا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ساكىس مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيەتنى جۇڭگو ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئارتىپ قويماقچى بولۇشى ئۆزىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلىشىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق.

كامبودژا كامبودژا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىيات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شيې مونېلى مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە، جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرگە ناھايىتى ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئەمما بەزى غەرب دۆلەتلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، پايدىسىز تەسىرنى يوشۇرۇش، ئاممىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى بۇراش ئۈچۈن، پاكىتقا پەرۋا قىلماي، مەسئۇلىيەتنى جۇڭگوغا ئارتىپ قويماقچى بولدى.

پاكىستان ئىسلامئاباد تىنچلىق ۋە دىپلوماتىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئاشىف نۇر يېقىندا تاراتقۇلاردا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئىلمىي پاكىتقا سەل قاراپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى ۋە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى سىياسىيلاشتۇرۇۋەتتى، بۇ خىل قىلمىش ۋىرۇستنمۇ ئەجەللىك.

بىرازىلىيە شەرقىي شىمال يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇش ئىلمىي كومىتېتىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى مىگېل نىكولېلىس مۇنداق دېدى: ئىلمىي مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرغاندا، ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ، ئەكسىچە غايەت زور زىيان پەيدا قىلىدۇ.

ئەنگلىيە فىرانسىس كىرىك تەتقىقاتخانىسىنىڭ ۋىرۇس ئالىمى جوناسىن ستويې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس مەنبەسىنى ئېنىقلاش-بىر تۈرلۈك جاپالىق خىرىس، ئەيىبلەش ۋە سۇيىقەست نەزەرىيەسى ھەرقانداق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز، بىز خەلقئارا قاتلامدىكى ئىجابىي ھەمكارلىق ۋە ئالاقىگە تېخىمۇ موھتاجمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپلىگەن دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇستىنمۇ ئەجەللىكى «سىياسىي ۋىرۇس»