ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-07 17:06

لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن كارىب رايونى ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ چوڭقۇر ئۇچرىغان، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۇزاقتىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلگەن رايون بولۇپ، ئەزەلدىن «ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭى ئويغىنىپ، ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىدە زىددىيەت ۋە توقۇنۇش كۆپ بولدى، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئامېرىكىغا قارىتا مەركەزدىن ئايرىلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز زورايدى.لېكىن نۇرغۇن تارىخىي ۋە ئوبيېكتىپ ئامىللارنى كۆزدە تۇتقاندا، لاتىن ئامېرىكىسى ئامېرىكىنىڭ «كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى» كاشىلىسى ۋە كونتروللۇقىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، لاتىن ئامېرىكىسىدا سولچىل «ھالرەڭ دولقۇنى»نىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئارزۇسى كۈچىيىپ، بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى سولچىل «ئامېرىكا قىتئەسى بولىۋار ئىتتىپاقى»، جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى»، ئامېرىكا بىلەن كانادا سىرتتا قالدۇرۇلغان تۇنجى رايون تەشكىلاتى «لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئارقا-ئارقىدىن قۇردى. لېكىن 2015-يىلىدىن بۇيان ئارگېنتىنا، بىرازىلىيەنىڭ سولچىل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تەختتىن چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سولچىللىق تەدرىجىي پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. ئامېرىكا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنى پارچىلاش سالمىقىنى زورايتتى.

تىرامپ ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا كۇبا، ۋېنېزۇئېلا، نىكاراگۇئا قاتارلىق سولچىل دۆلەتلەرنى داۋاملىق جازالاپ، «رەڭلىك ئىنقىلاب» قىلىشقا قۇترىتىپ، بېسىم ئارقىلىق ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا، كولومبىيە قاتارلىق ئامېرىكىغا مايىل دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى پائال ئۆزىگە تارتىپ، رايون ئىچىدە يوچۇق پەيدا قىلدى.

لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە چېكىنىش كۆرۈلدى. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ ئۈزۈلمىدى، بۇ رايون ئىشلىرىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقى ۋە يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇردى.«جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» ئىچىدىكى ئوڭچىل دۆلەتلەر كوللېكتىپى «توپتىن چىقىپ كېتىپ»، باشقىچە يول تۇتۇپ «جەنۇبىي ئامېرىكا تەرەققىيات مۇنبىرى» قۇردى. ئېكۋاتور«ئامېرىكا قىتئەسى بولىۋار ئىتتىپاقى» دىن چېكىنىپ چىقتى.

ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ساھەسىدە لاتىن ئامېرىكىسىغا قارىتا ئەنئەنىۋى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى زومىگەرلىكى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىدى.ئامېرىكا ھازىر يەنىلا لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ۋە ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش مەنبەسى. پاناما، ئېكۋاتور، سالۋادوردىن ئىبارەت لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئۈچ دۆلەت ئامېرىكا دوللىرىنى ھۆكۈمەت پۇلى قىلدى.ئامېرىكا چىلى، كولومبىيە، پېرۇ بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

ئامېرىكا ئامېرىكا قىتئەسى تەرەققىيات بانكىسى، دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىكى تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بازىرىدىكى جان تومۇرىنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا قورۇقچىلىق ۋە بىر تەرەپچىلىك قىلىپ، تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ، مېكسىكا، چىلى ۋە پېرۇدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى؛ ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا كېلىشىمىگە «زەھەرلىك كۇمىلاچ» ماددىسىنى كىرگۈزۈپ، مېكسىكىنىڭ تاشقى سودىدىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى چەكلەپ، مېكسىكىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاجىز ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى؛ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ياردەم بېرىش، قەرز بېرىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش،كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىقلارنى ئامېرىكا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر بىلەن بىۋاسىتە باغلىدى.

ئامېرىكىنىڭ شەخسىيەتچى تاشقى ئىقتىسادىي سىياسىتى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىگە ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇتتى. لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى قىسمەن سەپلىمە بازار ۋە مەبلەغ سېلىش مەنبەسىنى تېپىپ، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى جىددىي ئۈمىد قىلماقتا. جەنۇب ئورتاق بازىرى 20 يىللىق سۆھبەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە تېخىمۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىماقتا، بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھازىر جۇڭگو بىرازىلىيە، چىلى، پېرۇ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى.

2020-يىلى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارى سودىسىغا زەربە بەرگەن ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ئېكسپورتى تەتۈر ئاشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشى ۋە رۇسىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا بولغان ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەشۋىش تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىنى «دىپلوماتىيەدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان» رايون،دەپ قارايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى غەربىي يېرىم شارغا كىرگەن «يېڭى جاھانگىر» دەپ ئەيىبلەپ، ئاتالمىش «جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى»، «قەرز قىلتىقى نەزەرىيەسى»نى ھەدەپ تارقىتىپ، جۇڭگونى جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى سودىسى ئارقىلىق«لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بايلىقىنى بۇلىدى»،«لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ سانائەتسىزلىنىش مۇساپىسىنى تېزلەتتى» دەپ ئەيىپلەپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ G5 ھەمكارلىقى «لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دەپ قارا چاپلاپ، لاتىن ئامېرىكىسىنى خۇاۋېي تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى؛ ئامېرىكا يەنە تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلىرى» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى.

ئامېرىكا جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، «ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئېشىش تەشەببۇسىنىڭ 2.0 نۇسخىسى» نى بەرپا قىلدى ھەم ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات پۇل مۇئامىلە شىركىتىنى قۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ساھەسىدە جۇڭگو بىلەن رىقابەتلەشتى.

يەر شارىلىشىش ۋە كۆپ قۇتۇپلىشىش تەرەققىيات ئاساسىي ئېقىمى ئالدىدا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئېڭى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئامېرىكىغا بويسۇنۇشنى خالىمىدى، چوڭ دۆلەتلەر تىركىشىشىدە بىر تەرەپتە تۇرۇپ، ئۆز مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشنى تېخىمۇ خالىمىدى.

ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا جازا يۈرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، كۇباغا قارىتىلغان 60 يىلغا يېقىن ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە قامىلى ۋە سودا ئېمبارگوسىنى «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش قورالى» دەپ كۆرسەتتى؛ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنياغا يامرىغان ئەھۋالدا، ۋېنېزۇئېلا ۋە نىكاراگۇئانى جازالاش دەرىجىسىنى يەنىلا ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى؛ ۋېنېزۇئېلا كۆچمەنلىرىنىڭ ياشاش ئەھۋالىدىن «تەشۋىشلىنىش» بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە، جۈملىدىن قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارغا قوپال مۇئامىلە قىلدى؛ لاتىن ئامېرىكىسى سولچىل ھۆكۈمىتى ھەربىي-ساقچىلىرىنىڭ ئاممىنىڭ نامايىشتىكى مۇقىملىقنى قوغداش ھەرىكىتىنى «زوراۋانلىق سىياسىتى»، «باستۇرۇش» دەپ تەسۋىرلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەربىي-ساقچىلىرىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىشىنى «قانۇن-تۈزۈمنى قوغدىغانلىق» دەپ باھا بەردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى

لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن كارىب رايونى ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ چوڭقۇر ئۇچرىغان، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۇزاقتىن