ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو دۇنيا بىلەن «مۇلازىمەت سودىسى» تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-08 10:25

ئىسلاھاتنى قۇچاقلاش، پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، تەرەققىياتنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش ...... 2021-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىنىڭ كۆلىمى كېڭەيدى، خەلقئارالىشىش سەۋىيەسى ئۆستى، ئومۇمىي نەتىجە سانى، سودا سوممىسى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن ئېشىپ كەتتى. جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى قەتئىي، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىش سەمىمىيىتى تولۇق. «مۇلازىمەت سودىسى كېلىشىمى» جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ تەڭ پايدا ئېلىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى مەيدانىدا ماڭغاندا، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەمتۈرتكە كۆرۈنۈشلەرنى كۆرەلەيسىز، بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغان بولۇپ، قىزغىن مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مۇنبەرلەر، پائالىيەتلەر زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئادەم كۆپ بولغان نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىش زالى...... «پۇرسەت» ھەممە يەردە بار دېيىشكە بولاتتى.

پۇرسەت مۇلازىمەت سودىسى تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىدىن كېلىدۇ. يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، دۇنيا مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى مال سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، خەلقئارا سودىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ۋە ئورنى مۇقىم ئاشتى. مۇلازىمەت سودىسى ئىچكى جەھەتتە كەسىپ ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ سەرخىللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلاندى؛ تاشقى جەھەتتە خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خەلقئارا سودىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم ساھەسىگە ئايلاندى.

جۇڭگو ئۇدا يەتتە يىل مۇلازىمەت سودىسىدا دۇنيادىكى 2-چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلدى، دۇنيادىكى 240 قا يېقىن دۆلەت ۋە رايون بىلەن مۇلازىمەت سودىسى ئالاقىسى قىلدى، مۇلازىمەت سودىسى ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسىنىڭ دۇنيا ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى سىجىل ئاشتى. «جۇڭگو مۇلازىمىتى» «دۇنيا مۇلازىمىتى» نىڭ غايەت زور ماتورىغا ئايلاندى.

پۇرسەت رەقەملىك ئېنېرگىيە قوزغىتىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىدىن كېلىدۇ. رەقەملىك ئامىللارنىڭ تېز سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، مۇلازىمەتنىڭ سودا خاراكتېرى زور دەرىجىدە ئاشتى. يۇقۇمدا ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت سودىسى بىر قەدەر زور زەربىگە ئۇچراپ، رەقەملىك سودا تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچىيىپ، دۇنيا مۇلازىمەت سودىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىمۇ ئۆرلەپ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى.

دۇنيادىكى سودا چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ رەقەملىك سودىسى %47.4 ئېشىپ، مۇلازىمەت سودىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %30.6 تىن %44.5 كە يەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2025-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگونىڭ رەقەملەشكەن مۇلازىمەت سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، مۇلازىمەت سودىسى ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 ئەتراپىغا يېتىدىكەن.

پۇرسەت جۇڭگونىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ھالىتىدىن كەلگەن. نۆۋەتتە يەر شارىدا يۇقۇم ئەھۋالى داۋالغۇپ تۇرماقتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى ئەسلىگە كېلىشكە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. جۇڭگو مۇلازىمەت سودىسىنىڭ دۇنياۋىلىشىش يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، مۇلازىمەت سودىسى ساھەسىنى ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى. مەملىكەت بويىچە چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن دۆلەت مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئۈلگە رايونى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشكىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش سىگنالىنى تارقاتتى.

تايلاند جېڭدا باشقۇرۇش شۆيۇەنى جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى تاڭ جىمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت سودىسى ساھەسىدە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش نەتىجىلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ، جۇڭگو بىلەن مۇلازىمەت سودىسىنى رەقەملەشتۈرۈشنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى. سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆسى سودا شۆيۇەنى ئىدارە قىلىش ۋە مەڭگۈلۈك سىجىل تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى لۇ ياۋچۈن مۇنداق دەپ قارىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا سودا زور خىرىسقا دۇچ كەلدى، مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى ئەركىن سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىنتايىن ياخشى تەدبىر.

مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى دۇنياغا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو بازىرىنى كۆرسىتىپ، «مۇلازىمەت سودىسى» تورتىنى چوڭايتقان جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرىدىغان جۇڭگو كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ «مۇلازىمەت سودىسى» دىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتەك رەڭدارلىقى داۋاملىق نامايان بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو دۇنيا بىلەن «مۇلازىمەت سودىسى» تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولماقتا

ئىسلاھاتنى قۇچاقلاش، پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، تەرەققىياتنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش ...... 2021-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى