ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئىلمىي تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-08 15:30

يېقىندا ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى ئاتالمىش «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئىلىم ۋە پاكىتقا پەرۋا قىلماي، مەنبەنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە سىياسىي كۆپتۈرمىچىلىك قىلىپ، ئاق بىلەن قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، داۋاملىق مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ، جۇڭگوغا قارا چاپلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكىنىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئاتالمىش تەكشۈرۈش دوكلاتى پۈتۈنلەي ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان سىياسىي دوكلات، ساختا دوكلات، بۇنىڭدا ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتىن پايدىلىنىپ مەسئۇلىيەتنى جۇڭگوغا ئىتتىرىپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مەقسەت قىلىنغان، بۇ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە دۇنيا ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئىلمىي ھەمكارلىقىغا ئېغىر كاشىلا پەيدا قىلىدۇ ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.ھەر قايسى دۆلەتلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

سىياسىي كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش كىشىلەرنى ھەقىقىي ئەھۋالدىن يىراقلاشتۇرىدۇ

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 9-ئاينىڭ 3-كۈنى شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىدا ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ئاتالمىش تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا قارىتا سىياسىي كۆپتۈرمىچىلىك قىلىشى غايەت زور خاتالىق. بارلىق تەتقىقاتتا ئوبيېكتىپ ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىش كېرەك، سىياسىي كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش كىشىلەرنى ھەقىقىي ئەھۋالدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە سىياسىيلاشتۇرۇشنى چۆرۈپ تاشلاپ، يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش كېرەك، بۇ پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. سىياسىي كۆپتۈرمىچىلىك قىلغانلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە ئاپەت خاراكتېرلىك خاتالىق ئۆتكۈزدى.

زىمبابۋېنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فرېدېرىك شاۋا يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس توغرىسىدىكى ھەر قانداق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا تەجرىبە تەتقىقاتىدىن ئۆتكەن ئىلمىي ئىسپاتلارنى تىرەك قىلىش، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى ئەيىبلەش ۋە سۇيىقەست نەزەرىيەسىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك.

بولىۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما مانى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى ئارقىلىق مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بولىۋىيە يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى قورال قىلىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سىياسىيلاشتۇرماقچى بولغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشنى ئەيىبلەيدۇ.

بېرما سەھىيە مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس دۇنيادا يامرىماقتا، ھەر قايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش كېسەللىكنى داۋالاشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇش كېرەك، باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلىمەسلىك ياكى باشقا دۆلەتلەرگە سىياسىي بېسىم ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

جىبۇتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتى بىر ئىلمىي مەسىلە، بۇ ئالىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ھەرقانداق ئەھۋالدا ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئاتالمىش يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئاخباراتىدىن پايدىلىنىپ، «بېسىم ئىشلىتىش، قاقتى سوقتى قىلىش سىياسىتى»نى يولغا قويدى، سۇرىيە جۇڭگونىڭ بۇنىڭغا قاراتقان «ھەققانىي، ئادىل مەيدانى»نى قوللايدۇ. باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: ئامېرىكىنىڭ سىياسىي قارالمىسى خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپىغا خىلاپ بولۇپ، جىددىي كەيپىيات پەيدا قىلىدۇ، بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغىمۇ پايدىسىز.

كامبودژا سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش پۈتۈنلەي ئىلمىي مەسىلە.كامبودژا ۋىرۇس مەنبەسىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەكشۈرۈشنى قوللايدۇ، ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا،باشقا دۆلەتلەرنى يولسىز ئەيىبلەشكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

ئاتالمىش تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ قىلچە ئىلمىيلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىكى يوق

بېلارۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتى ئېلان قىلغان ئاتالمىش تەكشۈرۈش دوكلاتى ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ پىكرىنى ئاساس قىلغان، بۇ كىشىلەرنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى ۋە ۋىرۇس ئىلىمى ساھەسىدىكى كەسپىي ساپاسىنى بىلمەيمىز. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا كەڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، لېكىن يۇقىرىقى دوكلاتتا ھەممىگە ئايان بولغان بۇ پاكىتنى قەستەن كۆرمەسكە سالدى.بېلارۇسىيە يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوراللاندۇرۇشنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.بارلىق ئىلىم-پەن ھەمكارلىقى ھەر قانداق تەسىر ۋە بېسىمغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك. ماسلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا، خەلقئارا جەمئىيەت يۇقۇمغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدۇ.
رۇسىيە دۆلەت دۇماسى مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن كومىتېتىنىڭ 1-مۇئاۋىن رەئىسى، رۇسىيە تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ئونىشىنكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ئاتالمىش تەكشۈرۈش دوكلاتى مۈجمەل، بىر-بىرىگە زىت، ھەم مۇۋاپىق ئەمەس ھەم ئاساسى يوق.ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى سىياسىي مەقسەت ۋە سۇبيېكتىپ پەرەز ئاساسىدىلا ئاتالمىش تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئويدۇرۇپ چىقتى، بۇ ئىنتايىن بىمەنىلىك.

كامبودژا دېموكراتىك ئالىملار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ساكۇنپولۇن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان ئاتالمىش تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ قىلچە ئىلمىيلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىكى يوق، بۇ سېپى ئۆزىدىن سىياسىي مەشغۇلات.

پاناما ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ پەخرىي رەئىسى خۇلىئو ياۋ بىللىياس مۇنداق دەپ قارىدى: ئاخبارات ئاپپاراتلىرىدىن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كەتكەن ياكى كەتمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىش ئىنتايىن بىمەنىلىك، ئاخبارات ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى يوق ھەم ھوقۇقىمۇ يوق.بۇ كەسىپتە مۇستەقىل ئالىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى، سىياسىيونلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەس.

مالايشىيانىڭ ۋىرۇس ئالىمى لىن شىجيې 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاشكارا قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتە چوقۇم ئىلمىي ئىسپاتلارغا تايىنىش كېرەك ھەمدە ئالاھىدە دۆلەتكىلا كۆڭۈل بۆلۈشكە بولمايدۇ، چوقۇم ئىلىم-پەن بىلەن سىياسىينى پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياكى ھەر قانداق خەلقئارا ئاپپارات قوزغىغان ھەر قانداق تەتقىقاتتا ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدە تارقىلىشىنى ئادىل ۋە ئاشكارا تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۇكرائىنا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى فىزىيولوگىيە تەتقىقاتخانىسى پاتولوگىيە-فىزىيولوگىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋېكتور دوسېنكو: ئىلىم-پەن ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، سىياسىي ئالىملارنىڭ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يەكۈن چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەك، دېدى.

ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغاندىلا يۇقۇمنى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلىگىلى ھەم ئەڭ ئاخىرىدا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. بۇرۇندى ھۆكۈمىتى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، داغ تەگكۈزۈش، قورالغا ئايلاندۇرۇشنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ قارارى، جۇڭگو-دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىدىكى يەكۈن ۋە تەكلىپلەر خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، بۇرۇندى ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقىرىقى توغرا يولنى بويلاپ ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

يېشىل تۇمشۇق زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ھەق تەلەپ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فا ئوستىنو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسى ۋە ئىلىم-پەن مەسىلىسى بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، بىر تۇتاش ھەل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، سىياسىي ئامىللارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

نېپال ترىبۇۋان داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى رېگمى مۇنداق دەپ قارىدى: يولسىز ئەيىبلەش ۋە سىياسىي كۆپتۈرمىچىلىك قىلىشقا نىسبەتەن، ھەر قايسى دۆلەتلەر قانداق قىلىپ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىلمىي ھەمكارلىق بولۇش ھەممە ئادەمنى يۇقۇمدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئورتاق ئۇسۇلى.

كامبودژا ھۆكۈمىتى ئاخبارات باياناتچىسى ئورگىنىنىڭ رەئىسى پاسپان: ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش كەسكىن ئىلمىي مەسىلە، ئۇنىڭدا سىياسىي كۆپتۈرمىچىلىك قىلماسلىق كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن دۇنيانىڭ ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئىلمىي تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرايلى

يېقىندا ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى ئاتالمىش «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ،