ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگو تەشەببۇسى» يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، كۈچ قوشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 16:51

«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش يەر شارى ماكانىمىزنى قوغداپ، ئىنسانلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 12-كۈنى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا ۋىدېيولۇق قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتتە سۆز قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ قانداق يەر شارى بەرپا قىلىش، يەر شارىنى قانداق بەرپا قىلىش كېرەك، جۇڭگو بۇ ھەقتە قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ قاتارلىق بىر قاتار زور مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىپ، چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى نامايان قىلدى.

جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. ھالبۇكى، نۆۋەتتە يەر شارى ئېكولوگىيە سىستېمىسى كۈنسېرى يامانلاشماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار دوكلاتىدا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان سۈرئەتتە يوقالماقتا، «ۋاقىت كۆپ قالمىدى»، ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى قانداق بەرپا قىلىش» جىددىي جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى باش تېما قىلىپ ئاچقان دۇنياۋى يىغىندا، دۇنيا «جۇڭگو جاۋابى»نى ئاڭلىدى. ئۇ بولسىمۇ: ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان، ئىقتىساد بىلەن مۇھىت ماس تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان يەر شارى ماكانىنى بەرپا قىلىش. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش؛ يېشىل تىپنى ئۆزگەرتىشنى تۈرتكە قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش؛ خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى مەركەز قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلىپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى قوغداشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى.

شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى بۇ تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇس ھەم نىشاننى، ھەم ئۇسۇلنى شۇنداقلا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەمەلىي مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى كۆزدە تۇتۇلغان. بۇلار جۇڭگونىڭ ئۆز تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەر شارى مۇھىتىنى تۈزەشكە ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسىتى بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بەردى.

تاشقى ساھە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە ئالدىنقى بىر مەزگىلدىكى يۈننەندىكى پىلنىڭ شىمالغا يۆتكىلىش ۋە قايتىش سەپىرى توغرىسىدىكى ھېكايىنى تىلغا ئالغانلىقىغا دىققەت قىلدى. بۇ جۇڭگودىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلىرىنىڭ بىر تىپىك مىسالى. جۇڭگودا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلدى. ئۆتكەن ئون يىلدا كۆپەيگەن جۇڭگونىڭ ئورمان بايلىقى كۆلىمى 70 مىليون گېكتاردىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. جۇڭگو ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى تۈزۈمىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئورناتتى، بۇ ئۇسۇل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 15 نادىر مىسالى قاتارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇڭگو رەھبەرلىرى ئىقتىساد بىلەن مۇھىتنى قانداق قىلىپ ماسلاشتۇرۇپ تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنىڭ غايەت زور ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنى تەكىتلەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تېپىپ بەردى. بۇ يۇقۇمدا يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە جانلىقلار تۈرى، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كونترول قىلىشتا مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، دۇنيانىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى خىزمىتىگە مۇھىم ياردەم بەردى.

جۇڭگو يەر شارى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوخشاشلا ھەرىكەت قىلدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو ئالدى بىلەن 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، كۈنمىڭ جانلىقلار كۆپ خىللىقى فوندى قۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جانلىقلار كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىشلىرىغا مەدەت بېرىدۇ؛ دۆلەت باغچىسى سۇبيېكت قىلىنغان تەبىئىتى قوغدىلىدىغان يەر سىستېمىسىنى تىزدىن بەرپا قىلىدۇ؛ نۇقتىلىق ساھە ۋە كەسىپلەردە كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە بىر قاتار تىرەكلىك كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ۋە «+N1»سىياسىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

بۇ يېڭى تەدبىرلەردە جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ قۇۋۋەت قوشقانلىقى چۈشەندۈرۈپ بېرىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى ئېلزابېت مۇرېما باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىللىق خىزمىتى بىزنىڭ ئىسلاھات ئەندىزىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ،دېدى.

ئادەم سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغقا مەسئۇل بولمىسا، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ئادەمگە جاۋاب قايتۇرمايدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي يۈزلىنىشى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ ھۆكۈمى يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. جۇڭگو يەر شارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى، تۆھپىكارى ۋە يېتەكلىگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ «2020-يىلىدىن كېيىنكى يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى»نى تۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ «جۇڭگو تۆھپىسى»نى قوشىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جۇڭگو تەشەببۇسى» يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، كۈچ قوشتى

«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش يەر شارى ماكانىمىزنى قوغداپ، ئىنسانلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق