ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ئىقتىسادىغا ياخشى كۆزدە قارىمايدىغانلار نېمە ئۈچۈن كەينى-كەينىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 17:08

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ۋول كوچىسىدىكى بىر قىسىم داڭلىق مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى، جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش ئىستىقبالى «بۇرۇنقى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن ياخشى» دېگەن. ۋول كوچىسىدىكى بۇ ئاپپاراتلار مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بازىرىنىڭ «چوڭلۇقىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ»، جۇڭگونىڭ پاي چېكى بازىرىنى «تۆۋەن مۆلچەرلىۋېلىپ قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ». جۇڭگو ئىقتىسادىنى قانداق چۈشىنىش، جۇڭگو ئىقتىسادىغا توغرا ھۆكۈم قىلىش-دۇنيا ئىقتىساد ساھەسى ۋە سىياسىي ساھەسى ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە.

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، جۇڭگونى ئاجىزلاشتۇرىدىغان شاۋقۇننىڭ ئەزەلدىن توختاپ قالمىغانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس. ئەمما، جۇڭگو ئىقتىسادى سىجىل ياخشىلىنىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، جۇڭگو ئىقتىسادىغا ياخشى كۆزدە قارىمايدىغانلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى تەرىپىدىن قايتا-قايتا «كاچاتلاندى». ئەمەلىيەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ۋە تەجرىبىسى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. غەرب ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسى ۋە سىياسىي ساھەسىدىكىلەر كونا تەپەككۇر ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەكەببۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشتىن ۋاز كەچمىسە، جۇڭگو ئىقتىسادىنى چۈشىنەلمەيدۇ.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جۇڭگو ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىگە ئىگە، ھەم ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشقا ماھىر. بۇ يىل 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان باشلىنىدىغان، شۇنداقلا ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى باشلىنىدىغان يىل، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئەسىر يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو ھەم ماكرولۇق سىياسەتنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلىدى، ھەم ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي يۈزلىنىپ، ئۆزگىرىش ئۈستىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو بۇلتۇر دۇنيا بويىچە بىردىنبىر مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىقتىساد %12.7 ئېشىپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكنى نامايان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئىشەنچ قوشتى. كامبودژا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى سەيچۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، بولۇپمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ ئەۋرىشىم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جۇڭگونىڭ ھەم سىياسەت قورالى، ھەم يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى بار. يېڭى تەرەققىيات ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نى داۋاملىق تاماملاپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، جۇڭگو شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا يۈزلەندۈردى. خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتتە يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو «سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش نىزامى» ۋە چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى ماس قەدەمدە يولغا قويۇپ، بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى، چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى داۋاملىق ئازايتىپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار ھەقىقىي تەدبىر ۋە ئىرادىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارانىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» باھا بېرىلىپ: جۇڭگو ئاساسلىق زېھنىنى دۆلەت ئىچىگە قاراتتى، «بۇ ھەم جۇڭگونىڭ توغرا تاللىشى، ھەم جۇڭگونىڭ بېسىمغا داۋاملىق تاقابىل تۇرۇشىدىكى كۈچ مەنبەسى» دېيىلدى.
ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جۇڭگو ھەم سەمىمىي ھەمكارلاشتى، ھەم تەڭ پايدا ئالدى. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئۆز تەرەققىياتىنى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ كوئوردېنات سىستېمىسىغا قويۇپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. تەتۈر يەرشارىلىشىش پىكىر ئېقىمى ئالدىدا، جۇڭگو ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىش، ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى. گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى، مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى، ئىمپورت كۆرگەزمىسى، ئىستېمال كۆرگەزمىسى-دۇنيا بىلەن پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان يېڭى سۇپىغا ئايلاندى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق ھەمكارلىق مېخانىزملىرى چوڭقۇرلىشىپ ۋە ئەمەلىيلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تېخىمۇ گۈللىنىش يولى، يېڭىلىق يارىتىش يولى، ساغلاملىق يولى، يېشىل يولغا ئايلىنىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئارزۇسىنى تۇتاشتۇردى. جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنيا بىلەن بىرلىكتە پۇرسەت يارىتىپ، پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىپ چىقتى. پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، نۇرغۇن بىلىملىك ئەربابلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى، ئۇلار: «جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى» قاتارلىق سادالار كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، دېدى.

يېشىل تاغنى توسقىلى بولمايدۇ، ئېقىن سۇ يەنىلا شەرققە قاراپ ئاقىدۇ. بەزى ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئىلگىرى تۆۋەن كۆزلىمىگە ئىزچىل سەل قاراپ، ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك ئېشىشىنى ساقلاپ كەلگەن». بۇ جۇڭگو سەپسەتىسىنىڭ بارغانسېرى ئاقمايۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا مەستانە بولۇپ قالغانلارنىڭ ئاتالمىش كۆزلىمىسىنىڭ نەتىجىسىز بولغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ئىقتىسادىغا ياخشى كۆزدە قارىمايدىغانلار نېمە ئۈچۈن كەينى-كەينىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ؟

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، جۇڭگونى ئاجىزلاشتۇرىدىغان شاۋقۇننىڭ ئەزەلدىن توختاپ قالمىغانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس