ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنياۋى ئېشىش «خەتەرلىك بۆلۈنۈش»كە كىردى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق «جۇڭگونىڭ تۆھپىسى»نى كۈتمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-14 17:56

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى «دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتى”نى ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى :يەر شارىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەھۋالى ئېنىقسىز بولغانلىقتىن، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەقسىم قىلىش ھەمدە ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىدە غايەت زور بۆلۈنۈش بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادى سىجىل ئەسلىگە كېلىدىكەن، لېكىن ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى ئاستا بولىدىكەن. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يەر شارىدىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم قىيىن ئۆتكىلىدىن تەڭ ئۆتۈشنى قولغا كەلتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

بۇنىڭ ئىچىدە «جۇڭگو تۆھپىسى» يەر شارىنىڭ ئېشىشتىكى بۆلۈنۈشنى تولدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى مۇنداق دەپ قارىدى :يەر شارى ئىقتىسادى سىجىل ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، لېكىن يۇقۇم پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي ئۈزۈك قاتلام تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىۋاتىدۇ .كەلگۈسىدە، ۋاكسىنىغا ئېرىشىش ئىقتىدارى ۋە تاقابىل تۇرۇش سىياسەت بوشلۇقى ئوخشىمىغاچقا، يەر شارىدىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېشىشى «خەتەرلىك بۆلۈنۈش»كە كىرىدۇ.

قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ۋە يۇقۇمنىڭ ئېنىقسىزلىقى زورىيىش قاتارلىق خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كەلدى .بىر تەرەپتىن، يەر شارى تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدا ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋاقتى مۆلچەردىكىدىن تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، يەر شارى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتتى .يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس دېلتا زەھەر تۈپى پۈتۈن يەر شارىدا تېز سۈرئەتتە يامراپ، يۇقۇمنىڭ تۈگەش ۋاقتىنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى.

دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل يەر شارى ئىقتىسادى 5.9 % ئېشىپ-7 ،ئايدىكى مۆلچەر قىممەتتىن 0.1 پوئېنت تۆۋەن بولىدىكەن، بۇ ئاساسلىقى تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تەمىنات زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قېلىش تەسىرىدە ئېشىشىنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى، شۇنداقلا تۆۋەن كىرىملىك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن. 2022-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 4.9% ئېشىپ، 7-ئايدىكى مۆلچەر قىممىتى بىلەن تەڭلىشىشىدىن ئۈمىد بار.

ئوتتۇرا مەزگىلدىن قارىغاندا، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېشىش بۆلۈنۈشى كۈنسېرى روشەنلىشىدۇ .خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى يۇقۇمدىن بۇرۇنقى ئوتتۇرا مەزگىللىك مۆلچەر سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن .لېكىن سېلىشتۇرغاندا، گۈللەنمە بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاستا بولدى.

ئېشىشنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب ۋاكسىنىغا ئېرىشىش ئىقتىدارى ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىدا غايەت زور پەرق مەۋجۇت بولغانلىقىدا. ھازىرغا قەدەر، تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە 60 % كە يېقىن نوپۇسقا پۈتۈنلەي ۋاكسىنا ئەملەندى، تۆۋەن كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە يەنە تەخمىنەن 96 % نوپۇسقا ۋاكسىنا ئەملەنمىدى .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۈللەنمە بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شارائىتى جىددىي بولۇش قاتارلىق ئېشىش يوشۇرۇن خەۋپىگە دۇچ كېلىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش بوشلۇقى تارىيىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشتىن چېكىنىپ چىقىشنى تېزلىتىشكە مەجبۇر بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ئاستىلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئىستىقبالىغا ئېنىقسىزلىق قوشتى.

دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى كۆپ خىل خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كەلمەكتە، بۇنىڭ تۈپ مەنبەسى پۈتۈن يەر شارى ئۇزاققىچە ھەم سىجىل ھالدا «يۇقۇم «نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتىدۇ .ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك رامكا ئاستىدا ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەقسىملەشنى تېزلىتىشى ھەم كۆپ تەرەپلىك تىرىشىش ئارقىلىق چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ يېتەرلىك يۆتكىلىشچانلىققا ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۇقۇم قىيىن ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشىگە ھەم ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى زۆرۈر.

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارى ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىزچىل يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىدىن ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ كەلدى .جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق موتورغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە يەر شارى بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى، تۆۋەن كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ قەرزىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشىغا ياردەم بېرىش ھەم كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۆھپىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.

«دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتى»دا مۆلچەرلىنىشىچە، 2021-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 8 % ئېشىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن ھەمدە-2022 يىلى داۋاملىق 5.6 % ئاشىدىكەن .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى «يەر شارى پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقى دوكلاتى»دىمۇ كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى باشقا گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن تېز بولغاچقا ،جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئىناۋەت دەرىجىسى باشقا گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان ھەمدە يۇقۇم مەزگىلىدە مۇقىملىقنى ساقلىغان، جۇڭگونىڭ پاي چېكى ۋە زايومى تېخىمۇ كۆپ يەر شارى پۇل مۇئامىلە بازىرى ئاساسىي كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈلگەن، 2020-يىلىدىن بۇيان جۇڭگو تەخمىنەن 180 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خەلقئارا كاپىتالنىڭ كىرىشىنى جەلپ قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو دۇنياۋى كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمنىڭ قوللىغۇچىسى ۋە تەشەببۇسچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۇقۇم كىرىزىسىدىن قۇتۇلۇشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم كۈچ قوشتى.

8-ئايدا، جۇڭگو بۇ يىل پۈتۈن يەر شارىنى 2 مىليارد تال يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا تەقسىملەش ئۈچۈن، «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى يولغا قويۇش پىلانى»غا 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى دوكلاتتا جۇڭگونىڭ ۋاكسىنىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋەدىسىنى ئالاھىدە تەرىپلىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋاكسىنىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشكە دەۋەت قىلدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن لىدىرى جېفرى گاڭبېنمۇ يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك سودىنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىسى، يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ،يەر شارىنىڭ يېشىل ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنياۋى ئېشىش «خەتەرلىك بۆلۈنۈش»كە كىردى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق «جۇڭگونىڭ تۆھپىسى»نى كۈتمەكتە

ئوتتۇرا مەزگىلدىن قارىغاندا، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېشىش بۆلۈنۈشى كۈنسېرى روشەنلىشىدۇ .