ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا 2758-نومۇرلۇق قارارغا جەڭ ئېلان قىلسا ھامىنى ئۆزىنى ئۆزى ھاقارەتلىگەنلىك بولىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-26 17:13

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى يېقىندا ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەننىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەھمىيەتلىك قاتنىشىشى»نى قوللايدىغانلىقىنى ئۇدا بىلدۈردى ھەم جۇڭگو ئۇزۇندىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىنى خاتا ئىشلەتتى دەپ داۋراڭ سېلىپ، بۇ قاراردا پەقەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، لېكىن بۇنىڭدا تەيۋەننىڭ قاتنىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان دېدى. بۇ-ۋاشىنگتوننىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا تۈپتىن زەربە بېرىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى سىياسىي ھالىتىنى چۆرىدىگەن ئېغىر يۈزلىنىشنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇشى بولۇپ، دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خەلقئارا جامائەت پىكرى مەيدانىدا 2758-نومۇرلۇق قارارغا بولغان گۇمانىنى تارقىتىشىغا ئوچۇق-ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرغانلىق.

2758-نومۇرلۇق قارار 1971-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ماقۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكى ئېنىق شەرھلەنگەن ھەم «جياڭ جيېشىنىڭ ۋەكىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بارلىق ئاپپاراتلاردىكى قانۇنسىز ئىگىلىگەن ئورنىدىن دەرھال قوغلاپ چىقىرىش» تەلەپ قىلىنغان. بۇ قاراردا گەرچە «تەيۋەن» ياكى «جۇڭخۇا مىنگو» دېگەن سۆزلەر تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن جياڭ جيېشىنىڭ ۋەكىلىنىڭ كىم ئىكەنلىكىدە ئەينى چاغدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ھېچقانداق گۇمان مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭمۇ شۇنىڭدىن كېيىن بۇ قارارغا ئاساسەن تەيۋەن دائىرىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك توسۇشى ھېچقانداق گۇمانغا ئۇچرىمىغان ئىدى، ھەتتا تەيۋەن دائىرىلىرى ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىمۇ ئالدىنقى يىللاردا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش» قارالمىسى بىلەن ھەپىلىشىشتىمۇ باشقىچە باھانە ئويدۇرۇپ چىقتى. 2758-نومۇرلۇق قارارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇش پۈتۈنلەي تەيۋەن دائىرىلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ يىللىق «يېڭى نەيرىڭى».

دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ تۆۋەن چېكى يوق، ئۇ تارىخنى ئويدۇرۇپ، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولدى، «جۇڭخۇا مىنگونىڭ 110 يىللىقى»نى خاتىرىلەشتە، ھەتتا شىنخەي ئىنقىلابى ۋە سۈن جۇڭشەننىمۇ تىلغا ئالمىدى، ئامېرىكا غەربتىكى بىرىنچى نومۇرلۇق چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارىنىڭ مەزمۇنىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ ۋە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزلىرى تەرغىب قىلغان خەلقئارا قائىدىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بىلەن كارى بولماي، ئۆزىنى سېپى ئۆزىدىن سىياسىي لۈكچەككە ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ ئۆزىگە باشقىچە كۆزدە قارىشىغا سەۋەبچى بولدى.

بىز ئىختىيارسىز شۇنى سورىماي تۇرالمايمىزكى، بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىل ئىلگىرى ئامېرىكا نېمە ئىش قىلغان؟ تەيۋەن دائىرىلىرى ۋەكىللىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئورگانلاردىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، تەيۋەن دائىرىلىرى «ئۇۋال بولدى دەپ زارلانغان» چاغدا، ئامېرىكا نېمە ئىش قىلغان؟ چېن شۈيبيەن مەزگىلىدە تەيۋەن دائىرىلىرى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش» ئۈستىدە قايتا-قايتا چۇقان سېلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك يىغىنلارغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئامېرىكا يەنە نېمە ئىش قىلغان؟

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن بۇ ئىككى يىلدا تۇيۇقسىز «جۇڭگونىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ» 2758-نومۇرلۇق قارارنى خاتا چۈشىنىپ قالدۇق دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدى؟ ئارىلىقتا نېكسون ھۆكۈمىتىدىن باشلانغان كۆپ نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى، ئۇلارمۇ ھاماقەتلىك قىلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىدىكى ئاشۇ مەزمۇنلارنى چۈشىنەلمىگەنمۇ؟

پەقەت شۇنداق دېيىشكىلا بولىدۇكى، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ ئىقتىدارسىز شۇنداقلا ئەڭ چۈشكۈنلەشكەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش گۇرۇھى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ نىسپىي ئەۋزەللىكى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، ئۇلار جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىقتىساد-سودا كوزىرى، كىشىلىك ھوقۇق كوزىرى قاتارلىقلارنى كۆتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، ئۈنۈمى ئاجىز بولدى، تەيۋەن كوزىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىمۇ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ھەربىي ھەيۋىسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق بىر رەزىل ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنى «يېڭى قورال» دەپ قاراپ، جۇڭگوغا باشقىچە ھۇجۇم قوزغىدى.

ۋاشىنگتوننىڭ يېڭى ئۇسۇلى ناھايىتى تومتاق بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ساۋات خاراكتېرلىك تونۇشىغا جەڭ ئېلان قىلغاندا، ئۆزىنى ناھايىتى پەردازلاپ، مۇتتەھەملىكنى ئېسىل بۇيۇم دەپ ئاتىدى. جۇڭگوغا ئاۋارىچىلىك تېپىشتىمۇ ئاشۇنداق ئۇسۇللارنى قوللاندى، ئۇلار پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 50 يىل بۇرۇنقى قارارىغا بولغان چۈشەنچىسىگە قارشى تۇرۇپ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەسلىمىسى ۋە پەرقلەندۈرۈش كۈچىنى ھاقارەتلىدى.
شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئامېرىكا ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس، پەقەتلا ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتۇپ، باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا خالىغانچە تەبىر بېرىدۇ. بىر جۇڭگو دېگەن نېمە، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر بىلەن باراۋەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سالاھىيىتى بارمۇ-يوق، بۇ ھەقتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر دۆت ئەمەس، گەرچە ئامېرىكىنىڭ تەسىرى چوڭراق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىرقانچە ئىتتىپاقدىشىنى كونترول قىلالايدۇ، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ھەرگىز كونترول قىلالمايدۇ.

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۆرەپ كىرىشى خام خىيال شۇنداقلا تەيۋەننى پەقەت ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭلا كىرىش سالاھىيىتى بار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى ئاپپارات ۋە تەشكىلاتلارغا كىرگۈزۈشىمۇ خام خىيال، جۇڭگو ۋە كۆپ ساندىكى ھەقىقىي قائىدىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھەم تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ نومۇسسىز قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشقا يېتەرلىك كۈچ چىقىرىپ، ئامېرىكا ۋە تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ غەرىزىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا يول قويمايدۇ.

شۇنىسى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگىمۇ ئايانكى، تەيۋەننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈش-ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتى يوق ساختا مەسىلە، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان يېڭى توقۇنۇش نۇقتىسىنى ياساپ چىقىش، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە بايلىقىنى خورىتىش جەريانىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئامېرىكا مۇشۇنداق رىتىم بىلەن بەزى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ مېڭىپ، تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسىدە جۇڭگونىڭ قارالمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ئىستراتېگىيە جەھەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، غەربىي تىنچ ئوكياننى كونترول قىلىش كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى تۈپەيلىدىن تەيۋەن بوغۇزى رايونىدا پەيدا بولغان ھالسىز ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنماقتا.

ئامېرىكا ئەگەر بۇ رىتىمنى راستتىنلا ئىشقا سالالىسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چوڭقۇر پارچىلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن جەھەتلەردىكى ھەرىكەت كۈچى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئامېرىكا دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىقىغا يەنىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تارىخىي جىنايەتچى بولۇپ قالىدۇ. ئەمما بىر نۇقتا ناھايىتى ئېنىقكى، مەيلى ۋاشىنگتون قانچىلىك ئەسكىلىك قىلسۇن، تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرەلمەيدۇ. ئىش قانچە چوڭايغانسېرى، ئامېرىكىنىڭ يۈزى شۇنچە چۈشۈپ كېتىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا 2758-نومۇرلۇق قارارغا جەڭ ئېلان قىلسا ھامىنى ئۆزىنى ئۆزى ھاقارەتلىگەنلىك بولىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى يېقىندا ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەننىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەھمىيەتلىك قاتنىشىشى»نى قوللايدىغانلىقىنى