ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ سىياسىي قۇتۇپلىشىشى كۈنسېرى كۈچەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-11 17:53

ئامېرىكا پارلامېنتتىدىكى مالىمانچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن بىر يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي قۇتۇپلىشىشى كۈنسېرى كۈچەيدى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئامېرىكىچە دېموكراتىك تۈزۈم ۋە سىياسىينىڭ ساغلام ئايلىنىشىغا بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ كەتتى.

يېقىندا ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پارلامېنتىكى مالىمانچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن بىر يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيە، جۇمھۇرىيەت پارتىيەلىرى داۋاملىق كەسكىن قارشىلىشىپ، سىياسىينىڭ قۇتۇپلىشىشى كۈچەيگەن. نۇرغۇن ئامېرىكا ئاممىسى سىياسىي مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىدىن ئۈمىدسىزلەندى ۋە ئامالسىز قالدى، ئامېرىكىچە دېموكراتىك تۈزۈم ۋە سىياسىينىڭ ساغلام ئايلىنىشىغا بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ كەتتى.

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ كېڭەش، ئاۋام پالاتالىرى بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، 2020-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ھەرقايسى ئىشتاتلاردىكى سايلىغۇچىلار ئۆمىكىنىڭ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئىستاتىستىكا قىلدى ۋە ئېتىراپ قىلدى. يىغىن باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر قىسىم نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئېغىر مالىمانچىلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر پارلامېنت ساقچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشى قازا قىلدى، 130 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى، پايتەخت ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى زوراۋانلىق ھۇجۇمى ۋەقەسىنى بەس-بەستە تەنقىد قىلدى.
پارلامېنتتىكى پاراكەندىچىلىك ئامېرىكا سىياسىي تارىخىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ۋەقە بولۇپ قالدى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مالىمانچىلىق پەقەت ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ «تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىرىنىڭ يېمىرلىشىنىڭ بېشارىتى» بولۇشى مۇمكىن، ئۇ كۈن «ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن»، ئامېرىكا تارىخىدىكى بۇ داغ «يەنىلا نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ». «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە: «بۇ ئامېرىكا دېموكراتىيەسى ماياكىنىڭ ئوبرازىغا قاتتىق زەربە بولدى» دەپ كۆرسىتىلدى.

1-ئاينىڭ 6-كۈنى، بايدېن پارلامېنت بىناسىدا سۆز قىلىپ، تىرامپ 2020-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا بىر قاتار يالغان سۆزلەرنى قىلدى ۋە تارقاتتى، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ھوقۇقنىڭ تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇندى، دېدى. ئۇ ترامىپنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى «توپىلاڭ» ئارقىلىق ئامېرىكا تارىخىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى، بىراق ترامىپ بۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى دەپ ئەيىبلىدى.

تىرامپ ناھايىتى تېزلا بايانات ئېلان قىلىپ قايتۇرما زەربە بېرىپ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى قالايمىقان بولۇش، چېگرا كۆچمەنلەر كىرىزىسى، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى كونترولسىز قېلىش، پۇل پاخاللىقى يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلار بايدېننىڭ زۇڭتۇڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن «خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقى» نى ئىسپاتلىدى. تىرامپ يەنە 2020-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىدىن يەنە بىر قېتىم گۇمانلاندى.

ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ كېڭەش، ئاۋام پالاتالىرى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئايرىم-ئايرىم خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، لېكىن پارلامېنتتىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشماسلىقنى تاللىدى. تەھلىلدە: بۇ ئىككى پارتىيەنىڭ ئىختىلاپلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى گەۋدىلەندۈردى دەپ كۆرسىتىلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ۋەقەنى چۆرىدىگەن تەكشۈرۈش ۋە سىياسىي چاك يەنىلا داۋاملىق ئېچىلىۋاتىدۇ. بۇلتۇر 6-ئايدا، دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەر پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «پارلامېنتتىكى مالىمانچىلىق ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئالاھىدە كومىتېتى» نى قۇرۇپ چىققان، ئەمما 9 نەپەر ئەزانىڭ ھېچقايسىسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى تەرىپىدىن كۆرسىتىلمىگەن ئىدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكىلەر بۇنىڭغا كۈچلۈك زەربە بېرىپ، بۇ كومىتېت ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرۈشى كۈچلۈك پارتىيە-گۇرۇھ بىر تەرەپلىمە قارىشىغا ئىگە دەپ قارىدى. كومىتېتنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىزچىل توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى.

پارلامېنتتىكى مالىمانچىلىق ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي قارىمۇقارشىلىقى، ئىجتىمائىي پارچىلىنىشىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىر ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %90 دېموكراتىيە پارتىيىسىدىكىلەر بۇ ۋەقە «ئىنتايىن زوراۋانلىق» ياكى «ناھايىتى زوراۋانلىق» دەپ قارىغان، %60 جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكىلەر بۇ ۋەقە «زوراۋانلىق» ياكى «ئازراق زوراۋانلىق» دەپ قارىغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا: بۇ ئامېرىكا سىياسىيسىنىڭ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ۋەقە توغرىسىدىكى ساختا تەسۋىرلەر يەنىلا داۋاملاشماقتا دېيىلدى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيو ئىستانسىسى مۇنداق دېدى: پارلامېنتتىكى مالىمانچىلىققا بىر يىل بولغاندىن كېيىن، «ئامېرىكىلىقلار دېموكراتىيەنىڭ كەلگۈسىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى». ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيو ئىستانسىسى بىلەن يىپۇسو گۇرۇھى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، %64 ئامېرىكىلىق ئامېرىكا دېموكراتىيىسى «مەغلۇپ بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى» دەپ قارىغان، %70 كىشى ئامېرىكا «كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ» دەپ قارىغان.

پىيۇ مەركىزىنىڭ ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خەلقئارادىكى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى %57 كىشى ۋە %72 ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھازىر ئاتالمىش «دېموكراتىيە ئۈلگىسى» ئەمەس ئىكەن. خارۋارد داشۆسى كېننېدى ھۆكۈمەت شۆيۈەنىنىڭ ئەلرايىنى تەكشۈرۈشىدىمۇ كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت %7 ئامېرىكىلىق ياشلار ئامېرىكا دېموكراتىك تۈزۈمىنى «ساغلام» دەپ قارايدىكەن، %52 ياش ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنى «قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى» ياكى «مەغلۇپ بولدى» دەپ قارايدىكەن.

ئامېرىكا كولومبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: پارلامېنتتىكى مالىمانچىلىق ۋەقەسى ئامېرىكىلىقلارنىڭ پىسخىكىسىغا ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ بىۋاسىتە تەسىرى بولسا، نەچچە مىليون ئامرىكىلىقلار «تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىق يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، دېموكراتىيەنىڭ ئۆزىمۇ تەھدىتكە ئۇچرىشى مۇمكىن» دەپ قارىغان.

«كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتتى.» «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئامېرىكىچە دېموكراتىيەگە بولغان تونۇش تۇيغۇسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەۋېتىپتۇ.

پارلامېنتتىكى مالىمانچىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكىچە دېموكراتىيەگە بولغان گۇمانىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ستانفورد داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى فرانسىس فۇسان مۇنداق دېدى: بۇ ۋەقە داۋاملىق ئامېرىكا سىياسىيسىدا ئىنكاس قوزغىدى، ئۇنىڭ تەسىرى دۆلەت ئىچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە خەلقئارادا غايەت زور تەسىر پەيدا قىلدى، بۇ «ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئەمەلىي كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ سىياسىي قۇتۇپلىشىشى كۈنسېرى كۈچەيدى

ئامېرىكا پارلامېنتتىدىكى مالىمانچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن بىر يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي قۇتۇپلىشىشى كۈنسېرى كۈچەيدى،