ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇلتۇر جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى سودىسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-27 10:09

جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى داۋاملىق يامرىغان، دۇنيا ئىقتىسادى جاپالىق ئەسلىگە كېلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، 2021-يىلى جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونى بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، 450 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان.

مۇتەخەسىسلەر ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى-جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى سودىسىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ، يۇقۇم ئارقا كۆرۈنۈشىدە جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ سودا ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقىنى نامايان قىلدى دەپ قارىدى.

ئومۇمىي سوممىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

2021-يىلى جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ 2-چوڭ سودا ھەمراھىلىق ئورنىنى داۋاملىق ساقلىدى. جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2021-يىلى جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 451 مىليارد 591 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2020-يىلىدىكىدىن %41.1 ئاشقان.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى لاتىن ئامېرىكىسى تەتقىقاتخانىسى ئىقتىساد تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۆ يۈنشيا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: 2021-يىلى جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ سودا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولدى. تاموژنا باش مەھكىمىسى ئىستاتىستىكا قىلغان رايون بۆلىكى ئىچىدە، جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ۋە ئېكسپورت سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغان.
ئارگېنتىنا سالۋادور داشۆسى شەرق تەتقىقات شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى مايا ئالۋىسا لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ سودا سوممىسى 2021-يىلى زور دەرىجىدە ئاشتى، بۇ-جۇڭگونىڭ يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگەنلىكىنىڭ پايدىسىدىن بولدى، جۇڭگو-«ئىقتىساد ـ سودىدىكى ئەڭ ئاكتىپ ھەمكارلاشقۇچىمىز» دەپ قارىدى.

ئاماندو ئالۋارېس پېنتېيادو فوندى جەمئىيىتى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى نوزې ماۋرو دېلېرا مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادنى ئالدى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈردى، جۇڭگو-دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ «تىرىكى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچىسى» شۇنداقلا بىرازىلىيە قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ مۇھىم سودا ھەمراھى.

ئۆز ئارا تولۇقلاپ، تەڭ پايدا ئېلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىلى-جۇڭگونىڭ مېۋە ئىمپورت قىلىشتىكى بىر چوڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى، گىلاس، ئەينۇلا ۋە شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەر بارغانسېرى كۆپ جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جۇڭگودىن چىققان مايمۇن شاپتۇلى تۇنجى تۈركۈمدە چىلىغا يەتكۈزۈلۈپ، چىلىنىڭ يازلىق مېۋە-چېۋە بازىرىدىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى-جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىقتىساد ـ سودا جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، تەڭ پايدا ئېلىشىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى. جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ئېكسپورتى تەخمىنەن 222 مىليارد 582 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2020-يىلىدىكىدىن %31.4 ئاشقان. يۆ يۈنشيا مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىن ئىمپورت قىلغان يېزا ئىگىلىك، كان مەھسۇلاتلىرى مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىن كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپ مىقدارلىق تاۋار باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىن بولدى.

سانلىق مەلۇماتتىن يەنە ئايان بولۇشىچە، 2021-يىلى جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا قىلغان ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 229 مىليارد توققۇز مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2020-يىلىدىكىدىن %52 ئاشقان. يۆ يۈنشيا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، داۋالاش-سەھىيە بۆلىكى ۋە يۇقۇم ئارقا كۆرۈنۈشىدە بارلىققا كەلگەن ئىستىراھەت كۆڭۈل ئېچىش بۆلىكى جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى رايونىغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، لاتىن ئامېرىكىسىدا يۇقۇم ئازايدى، رايون ئىقتىسادىي پائالىيىتى كۈچەيدى، ئاممىنىڭ ئىستېمالى ئاشتى، جۇڭگو تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئاساسىدا، جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل، ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەييار مەھسۇلاتلىرىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا بولغان ئېكسپورتىدا ئېشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەتقىقات يۇرتى ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئوكيانىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ مى جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ مۇقىم تەمىنلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدە، سانائەت مەھسۇلاتلىرى، ئىستېمال بۇيۇملىرى ھەم دېزېنفېكسىيە، مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ۋە دورىلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ دېدى. جۇ مى بۇ-جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى گەۋدىلەندۈردى دەپ قارىدى.

ئىستىقبالىدىن يەنىلا ئۈمىد كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ.

2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئومېكرون ۋىرۇس تۈپى پەيدا بولۇپ، يۇقۇم ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ خىرىس ئېلىپ كەلدى. دۇنيا بانكىسى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئىقتىسادىي كومىتېتى يېقىندا 2022-يىلى لاتىن ئامېرىكىسى رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى تۆۋەنلەتتى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ئىستىقبالىدىن يەنىلا ئۈمىد كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارىدى.

يۆ يۈنشيا لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىقتىسادى ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو بازىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسىغا بولغان ئۇللۇق ئېھتىياجى داۋاملىق مەۋجۇت دەپ قارىدى.

بىرازىلىيە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىرلەشمىسى خەلقئارا مۇناسىۋەت تارمىقىنىڭ مەسئۇلى رىجا دۇترا مۇنداق دېدى: جۇڭگو-بىرازىلىيە سودىسىنىڭ يەنىلا ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچى بار. جۇڭگوغا قىلىدىغان ئېكسپورتنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ بىرازىلىيە يېزا ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى جۇڭگو-بىرازىلىيە سودىسىغا قاتنىشىدۇ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىرلەشمىسىمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدىن پايدىلىنىپ بىرازىلىيەنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىدۇ ھەم ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق سودا يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ.

بۇندىن باشقا، يۇقۇم-جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ تور مۇلازىمەت سودىسى ھەمكارلىقىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى كۈچەيتتى. يۆ يۈنشيا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى يىراق مۇساپىلىك داۋالاش، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش قاتارلىق يېڭىچە مۇلازىمەت سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىناق قىلغان. كەلگۈسىدە يۇقۇمنىڭ تەدرىجىي تىزگىنلىنىشىگە ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى ساياھەتچىلىك قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرى تەدرىجى ئەسلىگە كېلىدۇ، بۇمۇ جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇلتۇر جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى سودىسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى