ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-09 17:35

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خەلق سارىيىدا بېيجىڭغا كېلىپ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى، قاتار ئەمرى تامىم، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇزابى پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى.

بۇ يىل 1ـ ئايدا، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇۋەيت، ئومان، بەھرەين، تۈركىيە ۋە ئىران قاتارلىق ئالتە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ھەمدە پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپىمۇ ئارقا ـ ئارقىدىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئالاقىسىنىڭ بارغانسېرى قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى.

جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، تارىخىي ئاداۋەت ۋە رېئال توقۇنۇش يوق.

1956ـ يىلى مىسىر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، 60 نەچچە يىلدا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەردە بىر-بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش بولۇپ قالدى.

يۈز يىللىق ئۆزگىرىش بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

ئىقتىسادىي جەھەتتە، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى، ھەمكارلىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك.

جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇش ئورنىدا مۇقىم تۇردى. 2020ـ يىلى جۇڭگو ـ ئەرەب ئەللىرى سودا سوممىسى 240 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان بىر قاتار پىلان ۋە تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەسىلەن: مىسىرنىڭ «2030ئارزۇسى» قاتارنىڭ «2030 دۆلەت ئارزۇسى» ۋە «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كەلگۈسى 50 يىللىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە يۈزلىنىش» قاتارلىقلار.

بۇ پىلانلار «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ. مىسىرنىڭ يېڭى مەمۇرىي پايتەخت قۇرۇلۇشى، جۇڭگو-مىسىر سۇۋەيش ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونى، جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، قاتارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش تۈرى قاتارلىقلار «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.
ئوتتۇرا شەرق جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىدىغان ئاساسلىق رايونلىرىنىڭ بىرى، ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدەندى. جۇڭگو-مىسىر تىرىلمە ئېنېرگىيە دۆلەت بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى، قاتارنىڭ يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پاكىز كۆمۈر تۈرىگىچە ......جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تېخنىكا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا 5G، بۈيۈك مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلارنىڭمۇ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار.

ئۇزاقتىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرق رايونى زومىگەرلىك ۋە ئىتتىپاق تۈزۈپ قارشىلىشىشتەك جۇغراپىيەلىك سىياسىي كۈچ سىنىشىشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ، بۇ رايونغا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كېلىشكە پايدىلىق ئاكتىپ كۈچ ئېلىپ كېلىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ كەلدى.

جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقىنى كۈچەيتىشىنى ئىزچىل پائال قوللاپ، رايون دۆلەتلىرىنى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك تالىشىشىنىڭ كاشىلىسىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو ئوتتۇرا شەرقتە شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەي، جۇغراپىيەلىك تالاشماي، تەسىر دائىرىسى ئايرىماي، باراۋەر، دوستانە ھەمراھلىق روھىدا چىڭ تۇرۇپ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئۈچۈن «جۇڭگو تۆھپىسى» قوشۇشنى خالايدۇ.

يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى تارىخىي دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئالاقىسىنىڭ بارغانسېرى قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى