ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىش ئامېرىكىنىڭ «ئۆزىنى قۇتقۇزۇش»ىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-16 16:23

ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى يېقىندا ماقۇللىغان «2022-يىللىق ئامېرىكا رىقابەت قانۇن لايىھەسى» دەرۋەقە يەنىلا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولىغا قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش مەزمۇنى بىلەن تولۇپ، ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىنىڭ ھە دېسىلا جۇڭگونى دەستەك قىلىپ گەپ قىلىدىغان جاھىللىققا پېتىپ قالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسىدە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قارالمىلىرىنى جۇڭگو بىلەن مەجبۇرىي باغلاپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىش ۋە باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك بىر قاتار قانۇن لايىھەسى ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈش ئادەتكە ئايلاندى. ئامېرىكا ئاساسىي قۇرۇلۇش قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «جۇڭگوغا قارشى تۇرىمىز»دەپ داۋراڭ سالدى؛ ئامېرىكىنىڭ قانۇن چىقىرىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشى، «جۇڭگو بىلەن بولغان رىقابەتتە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش» دېدى؛ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى تەستىقلىغاندا، «جۇڭگونى تىزگىنلەش» خۇسۇسىي ماللىرىنى «ئۇنتۇپ قالماسلىق»ئى كېرەك ...... بۇ سىياسەتۋازلار توپىنىڭ نەزەر دائىرىسى مۇشۇنداق تار، ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق.

ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولۇشى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، لېكىن ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە تەرەققىياتىغا بېسىم ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش جەھەتتە ئۆزىگە چىقىش يولى تېپىپ، ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك تەبىئىتى ۋە زومىگەرلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ۋاسىتە تاللىماي جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا قارا سۈركەپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قورشىۋېلىپ، كىچىك گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى، «ھازىرقى زامان دېڭىز قاراقچىسى» نىڭ رەزىل ئەپت-بەشىرىسىنى ھەممە ئادەم بىلىپ بولدى. ئامېرىكىنىڭ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، باشقا دۆلەتلەرگە خالىغانچە زەربە بېرىپ، تىنچلىق، مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك رەزىل قىلمىشى دۇنيا مىقياسىدا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بىر قىسىم ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتىگە داۋاملىق پەرۋا قىلماي، جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىدىغان خاتا تەشەببۇسنى قانۇن شەكلىدە مۇقىملاشتۇرۇشقا قەدەممۇ-قەدەم ئۇرۇنۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى توقۇنۇش، قارشىلىشىش تۇيۇق يولىغا باشلاپ كىردى، ئۇنىڭ رەزىل نىيىتى يۈكسەك ھوشيار بولۇشقا ئەرزىيدۇ. دۇنيادىكى بىلىملىك ئەربابلار تەڭ تىرىشىپ، رەزىللىكنى رەزىللەرنىڭ يول خېتىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك.

جۇڭگونى «چەكلەش»، جۇڭگونى «پۇتلاش» ئارقىلىق ئاتالمىش «ئامېرىكا رىقابەت كۈچى» نى يۇقىرى كۆتۈرۈش خام خىيالى پەقەت ئامېرىكىنىڭ «ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى» غا دەخلى يەتكۈزىدۇ. نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇۋاتىدۇ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا يوچۇق كۆپ، مالىيە قەرزى كۆپ، كەسىپ ئەمەلىي كۈچى تۆۋەنلەپ كەتتى، باي-نامراتلىق پەرقى چوڭىيىپ كەتتى، ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش تەس، زوراۋانلىق، ئوققا تۇتۇش كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، تۈرلۈك « ئامېرىكا كېسىلى»ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق نۇقسانلىرىنى ئاشكارىلىدى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇنى پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى كىنرىچ قاتارلىق كىشىلەرمۇ ئېتىراپ قىلىپ: ئامېرىكىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى «جۇڭگونىڭ خاتالىقى ئەمەس»، ئامېرىكا چوقۇم ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك، دېدى. سىنگاپورلۇق ئالىم ما كەيشو قاتارلىق كىشىلەر بۇرۇنلا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكىچە، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاشتىن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى دەل جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئويغىنىشى كېرەك: ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى جۇڭگو ئەمەس، بەلكى ئۆزى. جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىش بىلەنلا بولۇپ كەتسە، ئاخىر بېرىپ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش-يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ توغرا چىقىشىپ ئۆتۈش يولى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىرلەشسە ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق. ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى روھىي ھالىتىنى توغرىلاپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە نۆل يىغىندىلىق تىركىشىشنى چۆرۈپ تاشلاپ، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى ۋە كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ئېنىق كۆرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى قوغدىشى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىش ئامېرىكىنىڭ «ئۆزىنى قۇتقۇزۇش»ىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ

ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى يېقىندا ماقۇللىغان «2022-يىللىق ئامېرىكا رىقابەت قانۇن لايىھەسى» دەرۋەقە يەنىلا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولىغا قارا چاپلاپ،