ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ 7 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى رېكورتىنى ياراتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-16 17:48

 

ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىدە، خەلقئارا نېفىت زاكاز مال باھاسى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى داۋاملىق ئۆرلىدى، برېنت زاكاز نېفىتىنىڭ باھاسى ۋە نىيۇيورك زاكاز نېفىتىنىڭ باھاسىدا 2014-يىلى 9-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

شۇ كۈنى بازار يېپىلغانغا قەدەر، نىيۇيورك تاۋار سودا بېرژىسىدا 3-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان ھەر بىر تۇڭ نېفىتنىڭ زاكاز مال باھاسى 95.46 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى %2.53 بولغان؛ 4-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان لوندون برېنت نېفىتىنىڭ زاكاز مال باھاسى 96.48 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى %2.16 بولغان.

ئامېرىكا «قايتىدىن مەبلەغ سېلىش» كاپىتال باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى جون كىرداف مۇنداق دېدى: بازار ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتكە يەنىلا ناھايىتى سەزگۈر، ھازىر كەسكىنلىشىپ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىگە يەتتى.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېننىڭ 2-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېفونلىشىشىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنمىدى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالارمۇ دېگەن ئەندىشىگە سالدى.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن 2-ئاينىڭ 14-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى ۋاقىتلىق تاقاش تەرتىپىنى باشلىدى، ئەلچىخانا كەسپى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدىن غەربىي قىسىمدىكى لىۋوفقا يۆتكىلىدۇ.

ئاۋسترىيە JBC ئېنېرگىيە مەسلىھەت بېرىش شىركىتى مۇنداق دېدى: رۇسىيە يەر شارى بويىچە ئاساسلىق نېفىت-تەبىئىي گاز ئېكسپورت دۆلىتى، ئەگەر ئۇكرائىنا بىلەن توقۇنۇش بولۇپ قالسا ياكى غەربنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىسا، ئۇنىڭ نېفىت-تەبىئىي گاز ئېكسپورتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇ تەمىنات جىددىي بولغان بازارنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ۋەزىيەت مۇشۇنداق جىددىي ئەھۋالدا، نېفىت، تەبىئىي گاز باھاسىدا يېڭى بىر ھەپتىدە داۋالغۇش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
نورۋېگىيەنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئۇچۇر مۇلازىمەت ئاپپاراتى رېستا ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى نىشانت بوشان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا ھەرقانداق ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە برېنت ۋە نيۇ يوركتىكى نېفىتنىڭ زاكاز مال باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

ئامېرىكا لىپوۋ نېفىت تۇڭرېن شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئاندى لىپوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر 2021-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، ھەر ئايدا كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنى 400 مىڭ تۇڭغا كۆپەيتىشكە قوشۇلدى. بازار نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى يۇقۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە يەتكۈزگەنلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن رۇسىيە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش بوشلۇقى بىر قەدەر چوڭ بولغان دۆلەتلەر.

نۇرغۇن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بازارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، نېفىت باھاسىنىڭ بۇ يىل ھەر بىر تۇڭىنىڭ 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلىقىنى، ھەتتا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىدى.
شىۋېيتسارىيە بانكىسى گۇرۇھىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل 3-، 6-ۋە 12-ئايدا برېنت زاكاز نېفىتىنىڭ ھەر بىر تۇڭىنىڭ باھاسى 90 ئامېرىكا دوللىرى، 95 ئامېرىكا دوللىرى ۋە 100 ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن.
گولدمان سىچېس گۇرۇھى برېنت زاكاز نېفىتىنىڭ باھاسى بۇ يىل ئۈچىنچى پەسىلدە ھەر بىر تۇڭىنىڭ باھاسى 100 ئامېرىكا دوللىرىغا، 2023-يىلى ھەر بىر تۇڭىنىڭ باھاسى 105 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.#(ئا*)



中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ 7 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى رېكورتىنى ياراتتى

ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىدە، خەلقئارا نېفىت زاكاز مال باھاسى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى داۋاملىق ئۆرلىدى، برېنت زاكاز نېفىتىنىڭ