ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ئەنگلىيە ئائىلىلىرىنىڭ مالىيە كىرىزىسىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-20 18:36

ئەنگلىيە ئىستىمالچىلىرىنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى ئايمۇ ئاي ئۆرلەپ، كۆپ قېتىم رېكورت يارىتىلدى. ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسى ئىنگلاند بانكىسى يېقىندا ئەنگىلىيەدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەيدىغانلىقى ھەم 4-ئايدا ٪7.25 لىك چوققا قىممەتكە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مال باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشى ئەنگىلىيە ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشىگە سەۋەبچى بولدى.
ئەنگلىيە پارچە سېتىش كارخانىلىرى جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدا ئەنگلىيەدىكى پارچە سېتىش تاۋارلىرىنىڭ باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.5 ئۆسۈپ، 2012-يىلى 12-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. ئەنگلىيە پارچە سېتىش كارخانىلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خېلېن دىككىنسون كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى ۋە توشۇش تەننەرخى قاتارلىقلارنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە پارچە سېتىلىدىغان تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىدىن يەنىلا ساقلانغىلى بولمايدۇ دېدى.

بىر ئەلرايىنى تەكشۈرۈش شىركىتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، %80 تىن ئارتۇق ئەنگىلىيە ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئېنېرگىيە چىقىمى ۋە يىمەكلىك، مىلىچماللارنىڭ باھاسى ئۆسكەن، %40 تىن ئارتۇق زىيارەت قىلىنغۇچى بۇ يىللىق ئائىلە مالىيە ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرى پۇل پاخاللىقى سىجىل داۋاملاشسا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ئالدى بىلەن زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئەنگىلىيە مەملىكەتلىك ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتخانىسى يېقىندا بۇ قېتىمقى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يېقىلغۇ ۋە يىمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بولۇپ، پۇل پاخاللىقى باراۋەرسىزلىك قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۈچەيتىۋېتىدۇ دېدى.

ئەنگلىيە ئېنېرگىيە بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەبىئىي گاز ۋە ئېلېكتىر بازىرى ئىشخانىسى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ يۇقىرى چېكى 4-ئايدىن باشلاپ %54 ئۆرلەپ، تەخمىنەن 22 مىليون خېرىدارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەنگلىيەدىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ مۇشۇ تۈردىلا ھەر يىلى 693 فوند ستېرلىڭنى ئارتۇق تۆلىشىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەنگلىيە ئاقىللار ئامبىرى قارار فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادام كولېت ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە قارىتا مەخسۇس تەدبىر قوللانمىدى، ئېنېرگىيە ھېسابات تىزىملىكى ئومۇمىي خامچوتىنىڭ %10 تىدىن ئاشىدىغان ئائىلىلەرنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ دېدى.

ئىنگلاند بانكىسى ئەنگلىيەدىكى ئەمگەكچىلەر بازىرىنىڭ جىددىيلىكى ھەم بەزى ئالامەتلەردىن يۇقىرى پۇل پاخاللىقىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنىڭ ئايان بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2-ئاينىڭ 3-كۈنى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى %0.25 تىن %0.5 كە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تەھلىلچىلەر ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى يېقىندا يەنە ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى مۇمكىن دەپ قارىدى. ئەنگلىيە سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى ئالپېش پالېجا كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا پۇل پاخاللىقى بېسىمى داۋاملىق مەۋجۇت بولىدۇ، ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى يېقىندا پۇل سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم چىڭىتىشى مۇمكىن دېدى.

پانتېئون ماكرو ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقات شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى تەدرىجىي ئۆرلەپ، 5-ئايدا %1 كە يېتىدىكەن. كەيتۇ خەلقئارا ماكرو ئىقتىساد مەسلىھەت بېرىش شىركىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى %1.25 كە يېتىشى، كېلەر يىلى يەنىمۇ كىچىك دائىرىدە ئۆرلىشى مۇمكىن دېدى.

ئەنگلىيە سودا جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىساد تەتقىقات مەسئۇلى سۇلۇن تىرۇ ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئېنېرگىيە تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى ۋە تەمىنات زەنجىرى كىرىزىسىنىڭ داۋاملىشىشى-بۇ نۆۋەتلىك پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب بولۇپ، ئۆسۈم قوشۇشنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك بولىدۇ دېدى. ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ئەنگلىيە ئائىلىلىرىنىڭ مالىيە كىرىزىسىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى

ئەنگلىيە ئىستىمالچىلىرىنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى ئايمۇ ئاي ئۆرلەپ، كۆپ قېتىم رېكورت يارىتىلدى. ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسى ئىنگلاند بانكىسى